Uyghur←ChineseMain Dictionary
خانلىق ھاكىمىيەت دەۋرى
Domain: دۇنيا تارىخى王政时代
wáng zhèng shí dài
رىمدىكى ئۇرۇقداشلىق تۈزۈمىدىكى يىمىرىلگەن دەۋر. يەن رىم مىلتىارىست دېموكراتىيە تۈزۈمىدىكى دەۋر، تەخمىنەن مىلاددىن 753 يىل ئىلگىرىكى يىللاردىن مىلادىددىن 510 يىل ئىلگىرى، ياكى مىلادىدىن 509 يىل ئىلگىرىكى يىللارغىچە كەينى - كەينىدىن يەتتە پادىشاھ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەنلىكتىن بۇ دەۋر شۇنداق ئاتالغان. ئەينى چاغدا ئاتا جەمەت ئۇرۇقداشلىق جەمئىيىتى جەمئىيەتنىڭ ئاساسىي بىرلىكى بولۇشتىن يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ قېرىنداشلىق جەمئىيىتىنى (يەنى چوڭ ئۇرۇقداشلىق جەمئىيەت، كۇرىيان دېيىلىدۇ) تەشكىللەپ، ئاندىن يەنە قەبىلە (تىرىبۇن) لەرنى تەشكىل قىلغان بولۇپ، جەمئىي ئۈچ يۈز ئۇرۇق، ئوتتۇز قېرىنداشلىق جەمەت، ئۈچ قەبىلە بولۇپ، رىم شەھەر كوممۇناسىنى شەكىللەندۈرگەن، بارلىق ئەزالىرى <رىم خەلقى> نى تەشكىل قىلغان، ئاممىۋى ھوقۇقلۇق ئورگانلار ھەربىي باشلىق ياكى پادىشاھ، ئاقساقاللار كېڭىشى (سىنات) ۋە كۇرىيانلار مەجلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئومۇمەن خانلىق ھاكىمىيەت دەۋرىنىڭ ئاخىرقى ئۈچ پادىشاھى ئېترۇرىيىلىك دەپ قارىلىدۇ. بۇ دەۋردە تۆمۈر قوراللار كەڭ ئىشلىتىلىپ، يەرلەرنىڭ خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك تۈزۈمى شەكىللىنىشكە باشلاپ، ئۇرۇقداشلىق تۈزۈمى يىمىرىلىشكە قاراپ يۈزلەنگەن. ئالتىنچى پادىشاھ سېرۋىئۇس تۇللىئوسنىڭ ئىسلاھاتى ئارقىلىق سىنىپىي جەمئىيەت شەكىللەنگەن. ئاخىرقى پادىشاھ تارقۇنيۇس سۇپېربۇسنىڭ ھەيدىلىشى بىلەن خانلىق ھاكىمىيەت دەرۋرى ئاخىرلاشقان، ئارقىدىنلا رىم جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.