UyghurMain Dictionary
خانى
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان مىللەت ياكى شۇ مىللەتكە مەنسۇپ كىشى. خانى تىلى خەنزۇ - زاڭزۇ تىللىرى سىستېمىسىنىڭ زاڭزۇ - ميەنزۇ تىللىرى تۈركۈمى يىزۇ تىللىرى تارمىقىغا كىرىدۇ. ئاساسەن مەملىكىتىمىزنىڭ يۈننەن ئۆلكىسى خۇڭخې خانى - يىزۇ مىللىي ئاپتونوم ئوبلاستىدا، جياڭچېڭ خانى - يىزۇ مىللىي ئاپتونوم ناھىيىسىدە، شىشۇاڭبەننا دەيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدا، موجياڭ ناھىيىسى قاتارلىق جايلاردا ئىشلىتىلىدۇ. چەت ئەللەردە ئاكا تىلى دەپ ئاتىلىپ بىرما، لائوس، تايلاند، ۋيېتناملار دائىرىسىدە ئىشلىتىلىدۇ.