Uyghur←ChineseMain Dictionary
خاممارسكولد
دۇنيا تارىخى
哈马尔德
hā mǎ ěr dé
(1) جالمار خاممارسكولد (1862 - 1953) شۋېتسىيە باش ۋەزىرى (1914 - 1917). كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدەشۋېتسىيىنىڭ بىتەرەپلىكىنى ساقلاپ قالغان. 1929 - 1947 - يىللىرى نوبېل مۇكاپاتى فوندى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى بولغان. 1904 - 1946 - يىللىرى ھايتى سوت كوللىگىيىسىنىڭ سودىيىسى بولغان. (2) داگ خاممارسكولد (1905 - 1961) شۋېتسىيىنىڭ سىياسىي - ئىقتىسادشۇناسى، ب د ت نىڭ باش كاتىپى (1905 - 1961). جالمار خاممارسكولدنىڭ ئوغلى. ئوپسالا ۋە ستوكھولم داشۆلىرىدە ئوقۇغان. 1936 - 1946 - يىللىرى مالىيە مىنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى بولغان. 1941 - 1948 - يىللىرى قوشۇمچە دۆلەت بانكىسىنىڭ باشقارما رەئىسى بولغان. 1951 - 1953 - يىللىرى بەلگسىز مىنىستىرلىك ۋەزىرى قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ھەمدە شۋېتسىيىنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى بولغان. 1953 - ب د ت نىڭ باش كاتىپلىقىغا سايلانغان. 1955 - يىلى جۇڭگونى زىيارەت قىلغان. 1961 - يىلى 9 - ئايدا ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن كونگوغا (ھازىرقى زائىر) كېتىۋېتىپ زامبىيەنىڭ ھاۋا بوشلۇقىغا كەلگەندە ئايروپىلاندىن چاتاق چىقىپ، قازاغا ئۇچرىغان. ئۆلگەەندىن كېيىن، 1961 - يىلى نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتى بېرىلگەن.