Uyghur←ChineseMain Dictionary
خامىلتون
دۇنيا تارىخى
哈密顿
hā mì dùn
ئېرلاندىيىنىڭ ماتېماتىكى، فىزىكى ۋە ئاسترونومى. دوبلىندا تۇغۇلغان. كىچىكىدىن تارتىپلا ئاجايىپ ئۆتكۈر ۋەئەقىللىق چوڭ بولغان. داشۆنى پۈتتۈرمەيلا دوبلىن داشۆسىنىڭ ئاسترونومىيە پروفېسسورى بولغان. ئانالىتىك مېخانىكا تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشقان. 1834 - يىلى <خامىلتون قائىدىسى> نى ئوتتۇرغا قويۇپ تۈرلۈك دىنامىكا قانۇنلىرىنى ۋارىئاتسون ئۇسۇلى بويىچە پەرەز قىلىپ چىققان. كېڭەيتىلگەن كوئوردىنات بىلەن كېڭەيگەن ھەرىكەت مىقدارىنى مۇستەقىل مىقدار ئۆزگىرىش قىلىپ، دىنامىكا تەڭلىمىسى، يەنى <خامىلتون تەڭلىمىسى>نى بارلىققا كەلتۈرگەن؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئېنىرگىيە مىقدارى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان <خامىلتون فۇنكىسىيىسى> نى ئىجاد قىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا نۇرنىڭ كونۇسسىمان سۇنۇش ھادىسىسىنى چۈشەندۈرۈپ، ھازىرقى زامان ۋېكتور ئانالىز ئۇسۇلىنىڭ بەرپا قىلىنىشى ئۈچۈنمۇ تۆھپە قوشقان.