UyghurMain Dictionary
خامادا كوساكو
دۇنيا تارىخى
(1881 - 1938)ياپونىيە ئارخېئولوگى. ئەدەبىيات دوكتورى.ئوساكا شەھىرىدىن. توكيو ئىمپېرىيە داشۆسى تارىخشۇناسلىق كەسپىنى پۈتتۈرگەن. 1913 - يىلى ياۋرۇپاغا بېرىپ ئوقۇغان. 1917، 1937- يىللىرى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، كىيوتو ئىمپېرىيە داشۆسىنىڭ پروفېسسورى، مۇدىرى بولغان. بۇ داشۆدە ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئىشخانىسىنى تۇنجى قېتىم قۇرۇپ، ياپونىيىدىكى داشۆلەردە ئارخېئولوگىيە فاكولتېتىنى تەسىس قىلغۇچى بولغان. 1931 - يىلى ئىمپېرىيە بىلىم يۇرتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. ياپونىيە، چاۋشيەن ۋە جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالىدا ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. كۆپلىگەن قىممەتلىك ئىلمىي تەكشۈرۈش دوكلاتلىرنى ئېلان قىلغان ھەمدە 1925 - يىلى خارادا يوشتو قاتارلىق كىشىلەر بىلەن بىللە <شەرقىي ئاسىيا ئارخېئولوگىيە ئىلمىي جەمئىيىتى> نى قۇرۇپ، ياپونىيىنىڭ ئارخېئولوگىيە تەتقىقاتى ۋە قېزىشىدا مۇھىم تۆھپە قوشقان. <ئارخېئولوگىيە ھەققىدە>، <شەرقىي ئاسىيا مەدەنىيىتىنىڭ تاڭ نۇرى>، <تيەنجىڭ دەۋرىدە ياۋرۇپاغا ئەۋەتىلگەن ئەلچىلەر خاتىرىسى>، <ئارخېلوگىيە تەتقىقاتى>، <ياپونىيە گۈزەل سەنئەت تارىخىغا دائىر تەتقىقات> قاتارلىق مۇھىم ئەسەرلىرى بار.