UyghurMain Dictionary
خالتا
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ياۋايى ھايۋانلار،ئۇچار قاتلار ۋە سۇ ھايۋانلىرىنى تۇتۇش ئۈچۈن ياسالغان سايمانلار. كىنايە مەنىسىدە ھىيلە - مىكىر يولى بىلەن ئادەمگە زىيانكەشلىك قىلىشقا قارىتىلىدۇ. بۇ يەردە شۇ كېيىنكى مەنىدە.
قېرى تۈلكە قاپقانغا چۈشمەس. بىراۋنى قەستلەپ ئورا قازغان ئىنسان، ئاقىۋەت ئۆزىگە قۇرار قاپقان. قۇشقاچقا قۇرغان تۇزاققا لاچىن چۈشمەس. دۈشمەن كۈلىدۇ. ئارقىدىن تاپان - تۇزاق قۇرىدۇ. ساڭا قىسماق قۇرغانغا باسماق قۇر. ئەقىللىق يىگىت ھارامزادىنىڭ تورىغا چۈشمەس. باشقىغا ئورا قازساڭ، ئۆز بويۇڭغا ئۆلچەپ قاز. گۈلدەستىنىڭ كەينىدىن بىللە كېلىدىغىنى سىرتماق. بىر قېتىم دامغا چۈشكەن بىر ئەقىل تاپار. قىلسا تۈگىمەيدىغان ئىش يوق، قىلتاققا چۈشمەيدىغان قۇش يوق. بېلىق قارماقنى كۆرمەس، يەمچۈكنى كۆرەر.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پارىسچە
ئى. ئىچىگە بىر نەرسە ئېلىش ئۈچۈن قاپ شەكلىدە تىكىلگەن بۇيۇم.
قەغەز خالتا. ئۇن خالتىسى. تاماكا خالتىسى.
ئى. پوچتىدىن ئەۋەتىلگەن، يوللانغان نەرسە - كېرەك، يوللانما.
خالتا ئەۋەتمەك.
بۈگۈن ئۆيدىن خالتا كەلدى.
مىق. ساناق سانلاردىن كېيىن كېلىپ، مىقدارنى بىلدۈرىدۇ.
ئۆمەر ئاشلىق دۇكىنىدىن بىر خالتا گۈرۈچ سېتىۋالدى.
ئى <زوئول> بەزى ھايۋانلارنىڭ كىچىك بالىسىنى سېلىپ، كۆتۈرۈپ يۈرۈشكە ماسلاشقان، قارنى ئاستىدىكى خالتىسىمان تېرە قاتلىمى.