Uyghur←ChineseMain Dictionary
خالستېد
دۇنيا تارىخى
霍尔斯特德
huò ěr sī tè dé
(1852 - 1922) ئامېرىكا خىرورگى. نيۇ - يوركتا تۇغۇلغان. 1874-يىلى يېل داشۆسىنى پۈتتۈرگەن. 1877-يىلى نيۇ - يورك تىببىي شۆيۈەنىدە تىببىي دوكتور بولغان. ياۋروپاغا بېرىپ بىلىم ئاشۇرغان. 1880-يىلى نيۇ - يوركقا قايتىپ ئىشلىگەن ۋە ئاشۇرغان. 1880 - يىلى نيۇ - يوركقا قايتىپ ئىشلىگەن ۋە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1886-يىلى يوھاننىس خوپكىنىس تىببىي شۆيۈەنىدە تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان ھەمدە ئامبولاتورىيىنىڭ مۇدىرى بولغان. كېيىن بۇ شۆيۈەننىڭ تاشقى كېسەللىكلەر پروفېسسورى بولغان. كوكايىن بىلەن يەرلىك ئورۇننى سەزمەس قىلىش ئۇسۇلىنى ھەممىدىن ئاۋۋال ئىجاد قىلغان. سۈت بېزى راكى، چات ئېرىقچىسى، قالغان بەز قاتارلىق ئوپېراتىيىسىنىڭ يېڭى ئۇسۇلىنى لايىھىلەپ چىققان. ئەستايىدىل قان توىتىتىش، قاتتىق دېزىنفېكسىيە قىلىش، يارىنى يىپەك يىپ بىلەن تىكىش قاتارلىق ئىشلارنى تەشەببۇس قىلغان. 1890-يىلى ئالدى بىلەن تاشقى كېسەللىكلەر ئوپېراتسىيىسىدە دېزىنفېكسىيە قىلىنغان رېزىنكە پەلەي ئىشلەتكەن. ئۇ كېسەلخانا ۋاىرچى، تاشقى كېسەللىكلەر ئوپېراتسىيىىدە دېزىنفېكسىيە قىلىنغان رېزىنكە پەلەي ئىشلەتكەن. ئۇ كېسەلخانا ۋىراچى، تاشقى كېسەللىك دوختۇرلىرىنى تەبىيىلەش چارىسىنىڭ ئاساسچىسى. <جاراھەتنى ساقايتىش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەققىدە تەتقىقات>، <خىرورگىيە ئىلمىي ماقالىلىرى توپلىمى> قاتارلىق ئەسەلىرى بار.