Uyghur←ChineseMain Dictionary
خاللىستېنىزم
Domain: دۇنيا تارىخى哈尔斯坦主义
hā ěr sī tǎn zhǔ yì
گېرمانىيە فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتى يولغا قويغان تاشقى سىياسەت. 1955 - يىلى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى خاللىستېن (1901 -) نىڭ تەكلىپى بويىچە تۈزۈلگەنلىكتىن، شۇنداق دەپ ئاتالغان.فېدېراتىپ گېرمانىيە ھۆكۈمىتى پۈتكۈل گېرمانىيەگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، گېرمانىيە دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى ئېتىراپ قىلىنمايدۇ، دېموكراتىك گېرمانىيە بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان ھەرقانداق دۆلەت (سوۋېت ئىتتىپاقى بۇنىڭ سىرتىدا) بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتمايدۇ دەپ ئېلان قىلىنغان. 1969 - يىلى سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى ھاكىمىيەت يۈرگەزگەندىن كېيىن <يېڭى شەرق سىياسىتى> نىڭ يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. <خاللىستېنىزم> ئەمەلىيەتتە توختىتىلغان
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.