UyghurMain Dictionary
خاللىستان مەدەنىيىتى
دۇنيا تارىخى
غەربىي ياۋرۇپا ۋە ئوتتۇرا ياۋرۇپا تۆمۈر قوراللار دەۋرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى بىرىنچى مەزگىل مەدەنىيىتى (تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى ⅤⅩئەسىردىن مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅴئەسىرگىچە). دەسلەپ ئاۋستىرىيەنىڭ سلىزبۇرگنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا تەخمىنەن 50 كىلومېتىر كېلىدىغان خاللىستات دېگەن يېزىدا تېپىلغاچقا شۇنداق دەپ ئاتالغان. 1846 - يىلى 2000 دىن ئارتۇق قەبرە بار بولغان بىر چوڭ قەبرىستانلىق تېپىلغان. بۇنى ئالدىنقى ۋە كېيىنكى دەپ ئىككى مەزگىلگە بۆلۈشكە بولىدۇ. ئالدىنقى مەزگىل (مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅶ ئەسىرگىچە) دىكى ئاسار ئەتىقىلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى برونزا قىلىچ ھەمدە تۆمۈر قىلىچتىن ئىبارەت بولۇپ، برونزا يەنىلا ھەربىي قورال - ياراق ۋە باشقا سايمان - جابدۇقلارنى ياساشقا ئىشلىتىلگەن. كېيىنكى مەزگىل (مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅴ ئەسىرگىچە) نىڭ ئالاھىدىلىكى تۆمۈردىن ياسالغان خەنجەر بولۇپ، برونزا دەۋرىدىكى خەنجەرنىڭ شەكلىنى يەنىلا ساقلاپ قالغان. يەنە ئادەم ۋە ھايۋانات قاتارلىقلار چۈشۈرۈلگەن برونزا زىننەت بۇيۇملىرىمۇ بار