UyghurMain Dictionary
خالىفاكس
دۇنيا تارىخى
(1881 - 1959) ئەنگىليە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى (1938 - 1940). 1910 - يىلى تۆۋەن پالاتاغا كىرگەن، كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسىدىن، 1922 - 1924 - يىللىرى مائارىپ ۋەزىرى بولغان. 1924 - 1925 - يىللىرى يېزا ئىگىلىك ۋە بېلىقچىلىق ئىشلىرى ۋەزىرى بولغان. 1925 - 1931 - يىللىرى ئەنگىلىيەنىڭ ھىندىستاندا تۇرۇشلۇق باش ۋالىيسى بولغان. ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىللىرى گەندى تەشەببۇس قىلغان ھەمكارلاشماسلىق ھەرىكىتىگە قارىتا ھىندىستانغا دومىنىئونلۇق ئورۇن بېرىشكە قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 1934 - يىلى دادىسىنىڭ ۋىكوندلىق ئورنىغا ۋارىسلىق قىلغان. 1935 - يىلى يۇقىرى پالاتادىكى كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى بولغان. شۇ يىلى دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرلىك ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەن. 1935 - 1937 - يىللىرى مۆھۈردار بولغان. تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بولغاندا جېنىنىڭ بارىچە ئارتۇر نېۋىللې چېمبېرلىننىڭ ماداراچىلىق سىياسىتىنى ئىزچىللاشتۇرغان. 1941 - 1946 - يىللىرى ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچى بولغان. 1944 - يىلى گرافلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ نوتۇق توپلاملىرىدىن <ھىندىستان مەسىلىسى>، <دىپلوماتىيە سىياسىتى توغرىسىدا> ۋە <ئامېرىكا نوتۇقلىرى> قاتارلىقلار بار.