UyghurMain Dictionary
خالىد بىننى ۋەلىد
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ئىسلام دىنىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدىكى ھەربىي ئىشلار سەركەردىسى. مەدىندىكى قۇرەيش قەبىلىسىدىن، جەڭدە باتۇرلۇقى ۋە ماھىرىقى بىلەن داڭق چىقارغان. ئەسلىي ئەبۇ سۇفىيانىڭ ئادىمى بولۇپ، ئوھۇد غازىتىدا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى يەڭگەن 629 - يىلى ئىسلام دىنىغا بەيئەت قىلغان. شۇ يىلى زەيد بىننى ھارىسە قوماندانىق قىلغان قوشۇنغا قاتنىشىپ سۈرىيىنىڭ چېگرىدىكى شەھىرى مۇئتەگە ھۇجۇم قىلغان. زەيد بىننى ھارىسە شېھىت بولغاندىن كېيىن، قالدۇق قوشۇنغا قوماندانلىق قىلىپ، مەدىنىنى مۇھاسىرىگە ئالغان. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ باتۇرلۇقىنى تەقدىرلەپ، ئۇنىڭغا <سەيفۇللا> (ئاللانىڭ قىلچى) دېگەن نامنى بەرگەن. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى ئۇنى قوماندانلىققا تەيىنلىگەن، قوشۇن باشلاپ بېرىپ، ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى توپىلاڭ - <رىددە> نى تىنجىتىشقا ئەۋەتكەن. 633 - يىلى ئىراقنى بويسۇندۇرغان. كېيىن سۈرىيىگە ھۇجۇم قىلغان قوشۇنغا ياردەمگە ئاتلانغان. ئاتلىق قوشۇنغا قوماندانلىق قىلىپ ئىراقتىن يولغا چىقىپ، قۇملۇقلاردىن ئۆتۈپ، 635 - يىلى دەمەشىقنى ئىشغال قىلغان. پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي ئانتيوك، ھەلەپ قاتارلىق قەلئەلەرنى قولغا ئالغان. 638 - يىلى ئېرۇسالىمغا كىرگەن. رىۋايەت قىلىنىشىچە، بىر شائىرغا 10 مىڭ تىللا ئىنئام قىلغانلىقىدىن ھەزرىتى ئۆمەر گۇمانلىنىپ، ۋەزىپىسىنى ئېلىۋەتكەن. ھىمىستا ئالەمدىن ئۆتكەن. بەزىلەر مەدىنىدە ئالەمدىن ئۆتكەن، دەيدۇ.