UyghurMain Dictionary
خاكسار
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
تۆۋەن، پەس؛ خار، ئەرزىمەس:
كۆچمە م: كەمتەر:
1. ئەگەر يۈرسە بىر يىلكى لەيلۇ ناھار،
سەپەر مېھنەتىدە بولۇپ خاكسار.
ئا. نىزارى.
2. مۇلاقات بولدى ئاڭا بىر كىشى،
ئۆزى خاكسارۇ گادايلىقئىشى.
ئا. نىزارى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
توپا بىلەن تەڭ، چاڭ - توزاڭ بېسىپ كەتكەن نەرسە ياكى كىشى، تۆۋەن، پەس، خار، ئەرزىمەس: خاكسار ئەيلىمەك - ئاياق ئاستى قىلماق، يەنچىمەك؛ خاكىسارلىق - توۋەنلىك، كەمتەرلىك؛ توپىدا ياتقان.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
پارىسچە
يېزت ئىتائەتمەن، بويسۇنغۇچى.
كۆزگە ئىلىنمايدىغان، ئابرۇيسىز، خار.
- ئۆزۈڭنى تۇتۇپ يولۇڭنى تاپ! بولمىسا ئىككى پۇتۇڭنى چېقىۋېتىمەن، خاكسار ئىتنىڭ ئورنىدا نان تاشلاپ بېرىپ باقىمەن، - دېدى ئۇ.