Uyghur←ChineseMain Dictionary
خاكون
Domain: دۇنيا تارىخى哈康七世
hā kāng qī shì
(1872 - 1957) نورۋېگىيە كورۇلى (1905 - 1957). دانىيىدە تۇغۇلغان. دانىيە كورۇلى فرېدېرېخ ⅤⅢ نىڭ ئىككىنچى ئوغلى. 1896 - يىلى ئەنگلىيە كورۇلى ئىدۋارد ⅤⅡ نىڭ قىزى بىلەن توي قىلغان. 1905-يىلى نورۋىگىيە شۋېتسىيىدىن بۆلۈنۈپ مۇستەقىل بولغاندا گراژدانلارنىڭ ئاۋاز بېرىش ۋە نورۋىگىيە پارلامېنتىنىڭ سايلىشى ئارقىلىق نورۋىگىيە كورۇلى بولغان. ھەربىي تەلىم ئالغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا، نورۋىگىيە بىتەرەپ مەيداندا تۇرغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، گېرمانىيىلىك تاجاۋۇزچى ۋە چىسلىن بىلەن ھەمكارلىشىشنى رەت قىلغان. 1940-يىلى ئەنگلىيىگە قېچىپ بېرىپ داۋاملىق ھالدا گېرمانىيىگە قارشىلىق كۆرسەتكەن. 1945-يىلى 6-ئايدا لوندندىن نورۋىگىيىگە قايتىپ كېلىپ ئۆز ئورنىدا ئولتۇرغان.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.