Uyghur←ChineseMain Dictionary
خادېس
Domain: دۇنيا تارىخى哈得斯
hā dé sī
يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى ئاخىرەت (دوزاق) پادىشاھى. پلوتون دەپمۇ ئاتىلىدۇ. كرونوس بىلەن رېيەنىڭ ئوغلى. زېۋىس بىلەن پوسېيدوننىڭ ئۇكىسى، ئۇ كرونوسنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى قېرىداشلىرى بىلەن بىرلىشىپ ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، چەك تاشلاپ ئۇ دۇنياغا ئىگە بولغان ئىمىش (زېۋىس بىلەن پوسېيدون ئايرىم - ئايرىم پانىي ئالەم ۋە دېڭىز - ئوكيانلارغا ئىگىدارچىلىق قىلىدىكەن). خوتۇنى پىرىسېفونى (سىڭلىسى دېمېتېرنىڭ قىزى) بىلەن ئاخىرەتنى باشقۇرۇپ، ئۆلگەنلەرنىڭ روھىنى سوت قىلمىش. پانىي ئالەمدە خەير - ساخاۋەت قىلغان ئاز ساندىكىلەرنى بەختلىك ئېلوسئونغا باشلا بارائىمىش، كۆپ ساندىكى مۇشتۇمزورلارنى بولسا دوزاخنىڭ تەكتىدىكى تارتاروسقا تاشلايمىش، دوزاخنىڭ دەرۋازىسىنى يامان ئىت كېربېرۇ ساقلايمىش، دوزاخقا كىرگەنلەر ھەرگىز چىقالمايمىش، <خادېس پادىشاھلىقى> ئەمەلىيەتتە <دوزاخ> دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.