Uyghur←ChineseMain Dictionary
خادرىيان
Domain: دۇنيا تارىخى哈德良
hā dé liáng
(76 - 138). تراجان بىلەن بىر يۇرتلۇق (ئەسلى يۇرتى ئىسپانىيىنىڭ نىدالىكا دېگەن جايى) ياكى تۇغقان (ئېيتىشلارغا قارىغاندا تاغىسى)، ئارمىيىگە قاتنىشىپ، جايلارغا بېرىپ ئۇرۇش قىلغان، تراجان ئۆگەندىن كېيىن ئارمىيە تەرىپىدىن پادىشاھ قىلىپ تىكلەنەەن. سىرتقا قارىتا چېگرا مۇداپىئە سىياسىتىنى قوللانغان. شەرقەت پارفىيە (باكترىيە) بىلەن مۇرەسسە قىلىپ، ئېفرات دەرياسىنى پاسىل قىلغان. برىتانىيە زېمىنىدە <خادرىئان سېپىلى> نى قۇرغان، تا بۈگۈنكى كۈنگىچە بۇ سېپىلنىڭ خارابىلىرى ساقلىنىپ كەلمەكتە. يەھۇدىيلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئېتىقادىغا دەخلى - تەرۇز يەتكۈزۈپ،، چوڭ توپىلاڭنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولغان. مىلادىن 132 - 135 - يىللىرى دەھشەتلىك باستۇرۇش ئېلىپ بارغان، ھايات قالغان يەھۇدىيلار كۆپلەپ ياقا يۇرتلارغا قېچىپ كەتكەن. ئىچكى جەھەتتە ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرگەن ھۆكۈمرانلىقنى كۈچەيتىپ، رىتسارلار قاتلىمىنى بيۇروكرات ئاپپاراتلارغا سەپلىگەن، قانۇنشۇناسلىقنى تەشەببۇس قىلىپ، قانۇنشۇناس يولىئانوغا <ئەبىديىلىك قانۇنى> نى تۈزۈپ چىقىشقا بۇيرۇق قىلغان. ھوقۇق يۈرگۈزگەن مەزگىللىرى ئىمپېرىيىنىڭ ھەممىلا يېرىنى ئايلىنىپ چىقىپ (120 - 123)، داۋاملىق تۈردە رىم ۋە باشقا شەھەرلەرنى قۇرۇش ھەمدە ئۇنى بىزەش بىلەن شۇغۇللانغان. ئەدەبىيات - سەنئەتنى مۇكاپاتلىغان.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.