Chinese→UyghurMain Dictionary
五小京
Domain: دۇنيا تارىخىبەش كىچىك پايتەخت
چاۋشىيەن سىللا دەۋرىدىكى ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ئايرىمىسى. مۇھىم جايلاردا پايتەخت تەسىس قىلىنغان. كىچىك پايتەخت دەپمۇ ئاتالغان. مىلادى 755-يىلى جىڭ شىڭ خان گويۈەنىنى پايتەخت قىلىشقا باشلاپ شىڭ ۋىن خان (681-292-يىللىرى پادىشاھلىق قىلغان) دەۋرىدىكى توققۇز ئايماق تەسىس قىلىنغان ۋاقىتقا كەلگەندە بەش جايدا كىچىك پايتەخت بېكىتىلگەن(قوشۇمچە جەدۋەلگە قارالسۇن). پايتەخت قارىمىقىدا ناھىيە بولماي بىۋاستىلا يېزىلارنى باشقۇرغان. يۇقىرى مەرتىۋىلىك ئاقسۆڭەكلەر ئىچىدىن ئايماق باشلىقىدىن تۆۋەن تۇرىدىغان مەمۇرىي باشلىق تەيىنلىگەن.
About this entry
This is a Chinese–Uyghur dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.