Chinese→UyghurMain Dictionary
五旁揭示
دۇنيا تارىخى
بەش رويخەتلىك جاكارنامە
1868-يىلى 7-ئاپرىلدا ياپونىيە مىيجى ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان ئەڭ دەسلەپكى پەرمان. مىيجى ھۆكۈمىتى بەش ماددىلىق ئەھدىنامىنى ئېلان قىلىپ ئىككىنچى كۈنى كىيوتو شوگناتلىقىنىڭ ئېلان جاكارلىرىنى بىكار قىلىپ، بەش ماددىلىق پەرماننى يەنى<بەش رۇيخەتلىك جاكارنامە>نى چىقارغان؛ بىرىنچى، بەش ئەقىدە يولىنى تۇتۇش، سالپى - ياساق، يېتىم - يېسىر، مېيىپلارغا ئىچ ئاغرىتىش؛ قاتىللىق، ئوت قويۇش، مال دۇنيا ئوغرىلاش قاتارلىق يامان ئىللەتلەرنى قىلماسلىق؛ ئىككىنچى، گۇرۇھ ئۇيۇشتۇرۇپ زورلۇق قىلىشنى ياكى توپلىنىپ پىكىرلىشىش، ئولتۇرۇشلۇق يېزابازارلاردىن ئۆزىچىلا كېتىپ قېلىش قاتارلىقلارنى مەنئى قىلىش؛ ئۈچىنچى، <كاتولىك دىنى>نى قاتتىق مەنئى قىلىش؛ تۆتىنچى، چەت ئەللىكلەرگە قالايمىقان زىيانكەشلىك قىلغۇچىلارنى جازالاش؛ بەشىنچى، ئوتتۇرا تەبىقىدىكىلەر ۋە ئاۋام خەلقىنىڭ ئۆز يۇرتىدىن خالىغانچە كېتىپ قېلىشنى مەنئى قىلىش. ئالدىنقى ئۈچ ماددا مەڭگۈلۈك تەھقىقلەش پەرمانى بولۇپ، <بېكىتىلگەن ئۈچ ماددا> دەپ ئاتىلىپ، مىيجى ھۆكۈمىتىنىڭ ماھىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن. كېيىنكى ئىككى ماددا<ئاڭلىق ماددا> دېيىلىپ، مېيجى ھۆكۈمىتىنىڭ ۋاقىتىلىق خاراكتېردىكى تەدبىرلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن.