Chinese→UyghurMain Dictionary
无脊椎动物
بىئولوگىيە
ئومۇرتقىسىز ھايۋانلار
<ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار> غىمۇ تاناسىپ ئاتالغۇ، شۇنداقلا، ئومۇرتقىلىق ھايۋانلاردىن باشقا بارلىق ھايۋانلارنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى. ئاساسەن پروتوزا (ئاددىي ھايۋانلار) سپونگيا (دېڭىز بۇلۇتى)، ئۈچەي قورساقلىق ھايۋانلار (كوئېلېتېراتا)، ياپىلاق تەنلىك ھايۋانلار (پلاتگېلمىنتېس)، يىپسىمان ھايۋانلار (نېماتگېلمىنتېس)، بوغۇم تەنلىك ھايۋانلار (ئاننېلىدا)، يۇمشاق تەنلىك ھايۋانلار (مولليۇسك)، بوغۇم پۇتلۇق ھايۋانلار (ئارتروپودا)، تىكەن تېرىلىك ھايۋانلار (ئېخىنودېرماتا) قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ھايۋانلارنىڭ مورفولوگىيىلىك تۈزۈلۈشى ۋە ياشاش ئادىتى خىلمۇ خىل بولىدۇ، لېكىن ئۇلار ئورتاق ئالاھىدىلىكلەرگىمۇ ئىگە؛ بەدىنىنىڭ ئوتتۇرا ئوقىدا ئومۇرتقا سۆڭىكىدىن تۈزۈلگەن ئومۇرتقا بولمايدۇ؛ نېرۋا سىستېمىسى قورساق تەرەپتە؛ يۈرىكى دۈمبە تەرەپتە بولىدۇ، شۇڭا <قورساق نېرۋىلىق ھايۋانلار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ، بۇلار ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار ئالاھىدىلىكىنىڭ دەل ئەكسىچە بولىدۇ. ئومۇرتقىسىز ھايۋانلارنىڭ تارقىلىشى ناھايىتى كەڭ، تۈرلىرى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، پۈتكۈل ھايۋاناتلار دۇنياسىنىڭ تەخمىنەن 97 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ.
ئۇنىۋېرسال
wú jǐ zhuī dòng wù
ئومۇرتقىسىز ھايۋانلار
Dدېھقانچىلىق
wú jǐ zhuī dòng wù
ئۇمۇرتقسىز ھايۋانDئورمانچىلىق
wú jǐ zhuī dòng wù
ئۇمۇرتقسىز ھايۋانلار، ئۇمۇرتقىسىزلار