Chinese→UyghurMain Dictionary
五九宪法
دۇنيا تارىخى
9 - ماي ئاساسىي قانۇنى
چېخوسلوۋاكىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ 1948 - يىل 5 - ئاينىڭ9 - كۈنى ماقۇللىغان ئاساسىي قانۇنى. 6 - ئاينىڭ 9 - كۈنى قانۇن تۈزۈش پارلامېنتى رەسمىي جاكارلىغان. ئاساسىي قانۇندا: چېخلوسلوۋاكىيە چېخلار بىلەن سلوۋاكلار باراۋەر ھوقۇققا ئىگە بولغان جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىدىكى دۆلەت؛ مىللىي كومېتىت (يەرلىك، ناھىيە ۋە چوڭ رايون) دۆلەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدىغان يەرلىك مەمۇرىي ئورگان؛ كان مەھسۇلاتى بايلىقى، سانائەت، بانكا قاتارلىقلار دۆلەت ئىگىلىكىدە بولىدۇ؛ <تېرىيدىغانلاردا يەر بولۇش> تىن ئىبارەت يەر مۈلۈكچىلىكى تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ؛ ئەمگەكچى دېھقانلارنىڭ 50 گېكتار ئىچىدە خۇسۇسىي يەرگە ئىگە بولۇشىغا يول قويۇلىدۇ. ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار ۋەخۇسۇسىي مۈلۈكلەر قوغدىلىدۇ؛ ئەر - ئاياللار باراۋەر؛ ئىرقىي كەمسىتىش مەنئى قىلىنىدۇ؛ مەكتەپلەر دۆلەت تەرىپىدىن نازارەت قىلىنىدۇ دېگەنگە ئوخشاش مەزمونلار بەلگىلەنگەن. مەزكۇر ئاساسىي قانۇن چېخوسلوۋاكىيىنىڭ سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشىنى كاپالەتكە ئىگەقىلغان.