Chinese→UyghurMain Dictionary
五部之制
دۇنيا تارىخى
بەش بۆلۈك تۈزۈمى
چاۋشىيەننىڭ ئۈچ پادىشاھلىق دەۋرىدىكى كورىيە ۋە پىكچى دۆلەتلىرىكى قەبىلە ئايرىمىسى ياكى مەمۇرىي رايون ئايرىمىسى. كورىيەنىڭ بەش بۆلەك تۈزۈمى <ئۈچ پادىشاھلىق تەزكىرىسى. ۋېي پادىشاھلىقىنىڭ تەزكىرىسى. ئۇغان، سىيانپى، كۈنچىقىش تائىپلىرى ھەققىدە قىسسە>دە خاتىرىلىنىشىچە <دۆلەتتە بەش قەبىلە: جۇەننۇ قەبىلىسى، جۆنۇ قەبىلىسى، جۇننۇ قەبىلىسى، گۇەننۇ قەبىلىسى، گۈيلۇ قەبىلىسى بولغان.> ئەسلى جۇەننۇ قەبىلىسىدىن پادىشاھ بولغان، كېيىن گۈيلۇ قەبىلىسى ئالماشقان. <كېيىنكى خەننامە. كۈنچىقىش تائىپلىرى ھەققىدە قىسسە>دە جۇننۇ قەبىلىسى شياۋنۇ قەبىلىسى دەپ ئېلىنغان. پىكچىدا يۇقىرى، ئالدىنقى، ئوتتۇرا، كېيىنكى، تۆۋەنكى بۆلەكلەردىن ئىبارەت بەش بۆلەك بولغان. مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى تارىخ ساھەسىدىكىلەردە بەش بۆلەك تۈزۈمنى قەبىلە ئايرىش، پادىشاھلىق پايتەختىنى مەمۇرىي رايونلارغا ئايرىش ۋە ئاقسۆڭەكلەرنى بۆلەكلەرگە ئايرىش، پادىشاھلىق پايتەخت ۋە مەملىكەت ئىچىنى مەمۇرىي رايونلارغا ئايرىش دېگەنگە ئوخشاش كۆز قاراشلار بولۇپ، تېخى ئېنىق بېكىتىلمىگەن.