Chinese→UyghurMain Dictionary
物部氏
دۇنيا تارىخى
موتسۇبې جەمەتى
ياپونىيىنىڭ قەدىمكى دەۋرىدىكى چوڭ جەمەت. مىلادى Ⅴ، Ⅵ ئەسىرلەردە ئوياماتو ئوردىسىدا ئوتومۇ جەمەتى بىلەن بىرلىكتە <ئومۇراجى> دېگەن نامغا ئېرىشىپ، ھەربىي ئىشلارنى بۆلۈپ باشقۇرغان. موتسۇبې جەمەتىدىكى ئاراكابى چىكۇشى بەگلىكى (ھازىرقى كيۇشو) دىكى ئىۋائى توپىلىڭىنى باستۇرۇشقا خىزمەت كۆرسەتكەن. Ⅵ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى مەزگىلىدە ئوتومو جەمەتى ئاجىزلىشىشقا يۈزلەنگەندىن كېيىن، سوگا جەمەتى بىلەن بىرلىكتە چوڭ ھوقۇقلارنى ئىگىلىگەن. كېيىن موتسۇبې جەمەتىدىكى ئوكوشى بۇددا دىنىنى قوبۇل قىلىشقا قارشى تۇرغانلىقتىن، سوگا جەمەتىدىكى ئىنانومې بىلەن قاىرمۇ قارشىلىشىپ قالغان. مىلادى 587-يىلى تكارامې تېننودىن كېيىنكى تەختكە ۋارىسلىق قىلىش مەسىلىسىنى موتسۇبې جەمەتىدىكى مورىيا قورال كۈچى بىلەن ھەل قىلىشقا ئۇرۇنغاندا، سوگا جەمەتىدىكى ئۇماكو بىلەنن شاھزادە يمايادو تەرىپىدىن يوقىتىلغان. تايكا ئىسلاھاتى دەۋرى (645) دە سوگا جەمەتىدىكىلەرنىڭ كۆپ قىسمى يوقىتىلغان، موتسۇبې جەمەتىدىكى بەزى كىشىلەر يەنە ئەمەلدارلىققا تەيىنلەنگەن. مىبۇخاجىمې توپىلىڭى مەزگىلى (672) دە موتسۇبې جەمەتى ئوئامالارنىڭ شاھزادىسى (كېيىن تەختكە چىقىپ تېننو تېنمۇ بولغان) گە بېقىنغان، ئۇلارنىڭ بىر تارمىقى نامىنى ئىشىكامىغا ئۆزگەرتكەن.