Chinese→UyghurMain Dictionary
乌布利希
دۇنيا تارىخى
ئۇلبرىخىت
(1893 - 1973). گېرمانىيە دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ رەئىسى (1960 - 1973). گېرمانىيە بىرلىككە كەلگەن سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنىڭ رەئىسى (1971 - 1973). لېيپسېگدىكى بىر ماشىنىچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ياغاچچىلىق قىلغان. 1908 - يىلى سوتسىيالىستىك ئىشچى ياشلار بىرلەشمىسىگە قاتناشقان. 1912 - يىلى گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىگە قاتناشقان. 1915 - 1918 - يىللىرى ھەربىي خىزمەت ئۆتەش جەريانىدا ئۇرۇشقا قارشى ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان. 1918 - يىلى ئۆكتەبر ئىنقىلابى پارتلىغاندىن كېيىن، بېلگىيىدىكى بىر ھەربىي تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلىپ، تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن ئاكتىپلىق بىلەن كۈرەشكە قاتناشقان. لېيپسېگدىكى پارتىيە تەشكىلاتىنى قۇرغۇچىلارنىڭ بىرى. 1922 - يىلى گېرمانىيە كومپارتىيىسىنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالنىڭ تۆتىنچى قېتىملىق قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان. 1923 - يىلى گېرمانىيە كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا ۋە سېكرىتارلىقىغا سايلانغان. 1926 - 1928 - يىللىرى ساكسونىيە شتاتىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى بولغان. 1928 - 1933 - يىللىرى گېرمانىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى بولغان. گىتلېر تەختكە چىققاندىن كېيىن، گېرمانىيىدىن ئايرىلىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ پارىژ، پراگا ۋە موسكۋاغا بارغان. 1938 - يىلى كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونال ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ گېرمانىيە ۋەكىلى بولۇپ سايلانغان. 1943 - يىلى ئەركىن گېرمانىيە مەملىكەتلىك كومىتېتى قۇرۇشقا قاتناشقان. 1945 - يىلى 4 - ئايدا دۆلىتىگە قايتىپ كېلىپ پېك، گوتۋالد قاتارلىقلار بىلەن بىللە گېرمانىيە كومپارتىيىسى بىلەن سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنى بىرلەشتۈرۈپ، گېرمانىيە بىرلىككە كەلگەن سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنى قۇرۇپ چىققان. 1946 - يىلىدىن باشلاپ بىرلىككە كەلگەن سوتسىيالىستلار پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇرۇسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن رەئىسى بولغان. 1950 - 1953 - يىللىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش سېكرىتارى بولغان. 1953 - 1971 - يىللىرى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىرىنچى سكرىتارى بولغان. 1971 - يىلىدىن باشلاپ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولغان. 1949 - 1960 - يىللىرى مىنىستىرلا سوۋېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، بىرىنچى مۇئاۋىن رەئىسى بولغان. 1960 - يىلىدىن باشلاپ دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولغان.