Chinese→UyghurMain Dictionary
五倍子蚜
بىئولوگىيە
جۇڭگو موزىسى كۆك پىتى
ھاشاراتلار سىنىپى ئوخشاش قاناتلىقلار ئەترىتى، كېۋە پىتى ئائىلىسىگە كىرىدۇ. ئۆسۈملۈكلەردە پارازىتلىنىدۇ، ياز پەسلىد جۇڭگو موزا دەرىخى قاتارلىقلار، قىش پەسلىدە موخلارنى پارازىت ئىگىسى قىلىدۇ. جۇڭگو موزا دەرىخىدە قۇرت ھۈررىكى ھاسىل قىلىدۇ. جىنسلىق كۆك پىتىنىڭ ئىندىۋىدى كىچىك، شەكلى ئالاھىدە قاناتسىز، ئېغىز ئاپپاراتى رۇدىمېنتلىشىپ كەتكەن بولۇپ، ئوزۇقلانمايدۇ. قاناتلىق تىپتىكىلىرىنىڭ بەدەن ئۇزۇنلۇقى 5.1 مىللىمېتىر، قاناتسىز تىپتىكىلىرىنىڭ تەخمىنەن 1.1 مىللىمېتىر بولۇپ، رەڭگى سۇس سېرىق، قوڭۇر ياكى تۇتۇق يېشىل. ھاسىل قىلغان ھۈررىكى جۇڭگو موزىسى (ئەفەس) دېيىلىدۇ. تەركىبىدە تاننىن بولىدۇ. مەملىكىتىمىزدە چىقىدىغان جۇڭگو مۇزىسىنىڭ تاننىن مىقدارى 66 پىرسەنت ئەتراپىدا بولىدۇ. مەملىكىتىمىز ئۇنى 2000 يىلدىن بۇرۇنلا بايقاپ ئىشلىتىشكە باشلىغان بولۇ، ئىشلىتىلىشى ناھايىتى كەڭ. ئۇ بوياق ماتېرىيالى، سىيا، كۆن - خۇرۇم قاتارلىقلارنى ئىشلەشتىكى مۇھىم خىمىيە سانائەت ماتېرىيالى ھېسابلىنىدۇ. راكېتانىڭ ياردەمچى يېقىلغۇسى، پولات تۆمۈرلەرنى داتلىشىشتىن ساقلاش ئۈچۈن سۈركىلىدىغان دورا قاتارلىقلارنىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. تېبابەتچىلىكتە دورا قىلىشقىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. ئۇ قان توختىتىش، سۇلفانىلامىد دورىلىرىنىڭ ئۈنۈمىنى كۈچەيتىش قاتارلىق روللارغا ئىگە.
ئورمانچىلىق
wǔ bèi zǐ yá
موزا قۇرتى