Chinese→UyghurMain Dictionary
乌氨酸循环
Domain: بىئولوگىيەئورنىتىن ئايلانمسى
ئۇرېيەنىڭ ئورگانىزمىدا سېنتىزلىنىش جەريانىدىن ئىبارەت بولۇپ، بەدەندە زەھەرلىك ئاممىياكنى زەھەرسىز مېتابولىزم ماددىلىرىغا ئايلاندۇرىدىغان بىر خىل مۇھىم يولدۇر. بۇ ئايلانما يۇقىرى دەرىجىلىك جانلىقلاردا ئاساسەن جىگەردە ئېلىپ بېرىلىدۇ. بىرىنچى باسقۇچىدا كاربامويىل فوسفات سىنتېتازا I نىڭ كاتالىزاتورلۇقىدا NH 3 ۋە CO2 دىن كاربامويىل فوسفات سىنتېزلىنىدۇ. ئىككىنچى باسقۇچىدا ئورنىتىن كاربامويىل فوسفات ترانسىفېرازىنىڭ تەسىرىدە كاربامويىل فوسفات بىلەن ئورنىتىندىن سترۇللىن سىنتېزلىنىدۇ. ئۈچىنچى باسقۇچىدا ئارگىنىن سۇكسىنات سىنتېتازىنىڭ كاتالىزاتورلۇقىدا ئاسپارتىك كسىلاتا تەمىنلىگەن ئامىن بىلەن سىترۇللىندىن ئارگىنىن ھاسىل بولىدۇ. تۆتىنچى باسقۇچىدا ئارگىنىن ئېنزىمىنىڭ كاتالىزاتورلۇقىدا ئارگىنىن گىدرلىزلىنىپ قايتىدىن ئورنىتىننى ھاسىل قىلىدۇ ھەمدە ئۇرېيە ھاسىل بولىدۇ. مانا شۇنداق قىلىپ بىر ئورنىتىن ئايلانمىسى شەكىللىنىدۇ. بەزى جانلىقلار، مەسىلەن، چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيىسى ئاممىياكتىن بىۋاستە پايدىلىنالمايدۇ، ئۇگلۇتامىننىڭ ئاممىياك بىلەن تەمىنلىشىگە ئېھتىياجلىق بولىدۇ.
About this entry
This is a Chinese–Uyghur dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.