Chinese→UyghurMain Dictionary
倭马亚王朝
دىن
wō mǎ yà wáng cháo ؛wǔ mài yè wáng cháo
ئۇمەييە سۇلالىسى، ئۇمەۋىيە سۇلالىسى
دۇنيا تارىخى
ئۇمەييە خاندانلىقى
ئەرەب ئىمپېرىيىسىدىكى تۇنجى خاندانلىق. مىلادى 661 - يىلى مۇئاۋىيە تەرىپىدىن قۇرۇلغان. مۇئاۋىيە مەككىدىكى قۇرەيىش قەبىلىسىدىكى ئۇمەييە جەمەتىدىن بولغاچقا شۇنداق دەپ ئاتالغان. پايتەختى دەمەشق. ھەدەپ چەتكە كېڭەيمىچىلىك قىلىپ، شەرقتە خوراساننى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانى بويسۇندۇرغان، غەربتە شىمالىي ئافرىقىنى ۋە ئىسپانىيىنى ئىشغال قىلغان ھەمدە ۋىزانتىيىگە بىر نەچچە قېتىم يۈرۈش قىلغان. Ⅶ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن Ⅷ ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە بولغان دەۋر خاندانلىق راسا روناق تاپقان دەر بولغان. پۈتۈن مەملىكەت توققۇز مەمۇرىي ئۆلكىگە بۆلۈنگەن، ئەمىر (باش ۋالىي) قويۇپ باشقۇرغان، قانۇنلار قامۇسى تۈزگەن، ئەرەب تىلى دۆلەت تىلى قىلىپ بەلگىلەنگەن؛ پۇل بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن. خاندانلىقنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا، بويسۇندۇرۇلغان رايونلارغا قارىتا قاتتىق زۇلۇم سېلىپ، ئىجارە - باجنى ئېغىرلاشتۇرغان، شۇنىڭ بىلەن جايلاردىكى خەلق ئۈزلۈكسىز تۈردە قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن، شىئە مەزھىپى ۋە خاۋارىج مەزھىپىمۇ قارشىلىق كۆرسەتكەن. 747 - يىلى ئىراندىكى خوراساندا ئەبۇ مۇسلىم قوزغىلىڭى پارتلىغان. 750 - يىلى ئەبۇل ئابباس قوزغىلاڭنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ ئۇمەييە خاندانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئابباسىلار خاندانلىقىنى قۇرغان. كېيىن ئۇمەييە جەمەتىنىڭ ئەۋلادلىرى ئىسپانىيىدە كوردوۋا خەلىپىلىكىنى قۇرغان، ئۇ كېيىنكى ئۇمەييە خاندانلىقى دەپمۇ ئاتالغان.
دىن
倭马亚王朝(伍麦叶王朝
wō mǎ yà wáng cháo
伊
ئىسلام دىنى
ئۇمەييە سۇلالىسى، ئۇمەۋىيە سۇلالىسى