Chinese→UyghurMain Dictionary
文化层
دۇنيا تارىخى
مەدەنىيەت قاتلىمى
ئارخېئولوگىيە ئاتالغۇچى. قەدىمكى ئىنسانلارنىڭ ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرىدىن قالغان ئىزلارنى، ماددىي نەرسىلەرنى ۋە ئورگانىك ماددىلاردىن شەكىللەنگەن دۆۋىلەنمە قاتلامنى كۆرسىتىدۇ، ئوخشاشمايدىغان دەۋردە شەكىللەنگەن مەدەنىيەت قاتلىمى ئوخشاشمايدىغان مەدەنىيەت قالدۇقلىرىنى ئۆز ئىىچگە ئالغان بولىدۇ. ۋاقتى ناھايىتى ئۇزۇن بولغاچقا، بىر قانچە مەدەنىيەت قاتلىمى قاتلىنىش ھادىسىسى بارلىققا كېلىدۇ. مەدەنىيەت قاتلىمىنىڭ ئۆز ئىچىگە ئالغان قالدۇق نەرسىلەر ۋە قاتلىنىش مۇناسىۋىتىگە ئاساسەن، خارابىلەرنىڭ ھەر قاتلىمىنىڭ مەدەنىيەتكە خاس مەزمۇنىنى ۋە يىلىنى بېكىتكىلى بولىدۇ.