Chinese→UyghurMain Dictionary
温度觉
پسىخولوگىيە
تېمپېراتۇرا سەزگۈسى
بۇ سوغۇقلۇق سەزگۈسى بىلەن ئىسسىقلىق سەزگۈسىدىن ئىبارەت ئىككى خىل بولىدۇ. بۇ ئىككىسىنىڭ ئايرىلىش چېكى (چېگرىسى) فىزىئولوگىيىلىك نۆل (°0) گرادۇس. بۇ ماھىيەتتە تېرىنىڭ تېمپېراتۇرسى بولۇپ، تېرمومېتردىكى نۆل گرادۇس (°0) قا ئوخشمايدۇ. كىشى بەدىنىدىكى فىزىئولوگىيىلىك نۆل گرادۇسمۇ بىر خىل ئەمەس: تىل ئاستىنىڭ ℃37، گەۋدىنىڭ ℃35، كىشى يۈزىنىڭ ℃33، قۇلاقنىڭ ℃26، غىدىقلىغۇچنىڭ تېمپېراتۇرىسى كىشىنىڭ فىزىئولوگىك نۆل گرادۇسدىن يۇقىرى بولسا، ئىسسىقىلىق سەزگۈسىنى قوزغايدۇ. فىزىئولوگىك نۆل گرادۇستىن تۆۋەن بولسا، سوغوقلۇق سەزگۈسىنى قوزغايدۇ. تېمپېراتۇرا سەزگۈسىنىڭ رېتسىپتورى تېرىدىكى سوغۇقنى سېزىش نۇقتىسى بىلەن ئىسسىقنى سېزىش نۇقتىسى بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەدەنگە تارقىلىشى بىر خىل ئەمەس: بۇرۇن، ئىككى مەڭىز، پېشانىدە كۆپرەك، يوتىدا ئازراق، ئالقانغا قارىغاندا ئۇنىڭ ئارقا تەرىپىدە كۆپرەك بولىدۇ. بەدەننىڭ ھەر قايسى قىسىملىرىدىكى سوغۇقنى سېزىش نوقتىلىرىنىڭ سانى ئىسسىقنى سېزىش نوقتىلىرىنىڭكىدىن بىر نەچچە ھەسسە، ھەتتا 30 ھەسسىدىنمۇ ئارتۇق بولىدۇ. يۈز تېرىسىنىڭ تېمپېراتۇرا سەزگۈسى ئەڭ ئۆتكۈر بولىدۇ، پۇتنىڭ ئاجىزراق بولىدۇ. ھاۋا تېمپىېراتۇرىسى ℃28 ئەتراپىدا بولسا، كىشلەر تېمپېراتۇرىدىكى ℃0.7~0.5 قىچە بولغان ئۆزگىرىشنى پەرق ئېتەلەيدۇ. تېمپېراتۇرا يۇقىرىراق ياكى تۆۋەنرەك بولسا، توغرا پەرق ئېتەلمەيدۇ. تېمپېراتۇرا سەزگۈسىنىڭ مەركىزى چوڭ مېڭە پوستلىقىدىكى مەركىزىي ئېرىچىنىڭ ئارقا پۇرمىسىدىكى تېرىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان رايوندا بولىدۇ. تېمپېراتۇرا سەزگۈسىنى ئاڭ تەڭشەيدۇ، كۆرۈش، ئاڭلاش سەزگۈلىرىنى قوزغايدىغان غىدىقلىغۇچلار بىلەن كۆپ خىلدىكى شەرتلىك رېفلېكسلارنىڭ ھاسىل قىلىغىلى بولىدۇ. مەسىلەن: ئىللىق رەڭلەر (قىزىل، جىگەر رەڭ، سېرىق رەڭلەر) نى كۆرگەندە كىشى ئىسسىقلىق ھېس قىلىدۇ، ئاق رەڭگە قارىغاندا سالقىنلىق ھېس قىلىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى چوڭ مېڭە پوستلىقىنىڭ رولىدىن بولىدۇ.
بىئولوگىيە
تېمپېراتۇرا سېزىمى
<ھارارەت سېزىمى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ ئوخشىمىغان تېمپېراتۇرا تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدىغان سېزىم. تېرىدە تېمپېراتۇرا رېتسىپتورلىرى بولۇپ، تاشقى مۇھىتنىڭ تېمپېراتۇرا ئۆزگىرىشىنى سېزىپ قوبۇل قىلالايدۇ. قۇشلار ۋە ئېمىتكۈچى ھايۋانلارنىڭ يەنە بىر قىسىم رېتسىپتور ھۈجەيرىلىرى بولۇپ، بەدەن ئىچىدىكى تېمپېراتۇرا ئۆزگىرىشىنى سېزىپ، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشەشكە تېمپېراتۇرا ئۆزگىرىش ئىنفورماتسىيىسى يەتكۈزۈپ بېرەلەيدۇ، تېرىنىڭ تېمپېراتۇرا رېتسىپتورلىرى توچكىسىمان تارقالغان بولۇپ، سوغۇقلۇق توچكىسى ۋە ئىسسىقلىق توچكىسى دەپ ئايرىلىدۇ. ئادەتتە سوغۇقلۇق توچكىلىرى ئىسسىقلىق توچكىرىدىن كۆپ بولىدۇ. مەسىلەن، بىلەك تېرىسىنىڭ ھەر كۋادرات سانتىمېتىر يۈزىدە ئوتتۇرىچە ھېساب بىلەن 13 - 15 كېچە سوغۇقلۇق نۇقتىسى، 1 - 2 دانە ئىسسىقلىق نۇقتىسى بولىدۇ. گەۋدە تېرىسىنىڭ سوغۇققا بولغان سەزگۈرلۈكى پۇت - قوللارنىڭكىگە قارىغاندا يۇقىرىراق. كىيىم - كېچەك بىلەن يېپىلىپ تۇرغان قىسمىدىكى تېرىلەرنىڭ سوغۇققا بولغان سېزىمى سەزگۈررەك بولىدۇ. تېرىنىڭ تېمپېراتۇرا رېتسىپتورلىرىغا مۇۋاپىق كېلىدىغان غىدىقلاش - تېرىنىڭ تېمپېراتۇرا ئۆزگىرىشىدىن ئىبارەت. تاشقى مۇھىتتىكى تېمپېراتۇرا ئۆگىرىشى تېرىنىڭ تېمپېراتۇرا ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرالىغان چاغدىلا ئاندىن تېرىنىڭ تېمپېراتۇرا رېتسىپتورلىرى ئۇنى سېزىپ قوبۇل قىلالايدۇ. مەسىلەن، ياغاچ بىلەن تۆمۈرلەرنىڭ مۇتلەق تېمپېراتۇرىسى ئوخشاش بولسىمۇ قول تەگكۈزۈپ سىلىغاندا ياغاقا قارىغاندا تۆمۈر سوغۇقراق بىلىنىدۇ، بۇنىڭ سەۋەبى تۆمۈرنىڭ ئىسسىقلىق ئۆتكۈزۈشى ياغاچنىڭكىدىن تېز بولۇپ، تېرىنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى تېز تۆۋەنلىتەلەيدۇ، نەتىجىدە تۆمۈر سوغۇقراق بىلىنىدۇ. تېرىنىڭ تېمپېراتۇرا ئۆزگىرىش سۈرئىتىگە بولغان سەزگۈرلۈكى غىدىقلانغان ئورۇندىكى تېرە يۈزىنىڭ چوڭلۇقىغا مۇناسىۋەتلىك، غىدىقلانغان تېرە يۈزى قانچە چوڭ بولسا تېمپېراتۇرا سېزىمىنىڭ چېكى شۇنچە تۆۋەن بولىدۇ. پۈتۈن بەدەندىكى تېرىنىڭ ھەممىسى غىدىقلىنىشقا ئۇچرىغان چاغدا تېرە تېمپېراتۇرىسى پەقەت ھەر سېكۇنتىغا 0008.0 سىلتسىيە گرادۇستىن ئۆرلىسىلا تېمپېراتۇرا سېزىمىنى كەلتۈرۈپ چىقىرالايدۇ (تېمپېراتۇرا سېزىمى چەك قىممىتى - تېمپېراتۇرا ئۆزگىرىش 001.0 سىلتسىيە گرادۇس ھەر سېكۇنت). تېرە تېمپېراتۇرا رېتسېپتورلىرىنىڭ ھەر خىل تېمپېراتۇرىغا بولغان ماسلىشىشچانلىقى ئوخشىمايدۇ. تېمپېراتۇرا 20 - 40 سىلتسىيە گرادۇس دائىرىسى ئىچىدە بولسا، بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن تېمپېراتۇرا رېتسېپتورلىرى تەدرىجىي ماسلىشىپ قالىدۇ. غىدىقلىغۇچى تېمپېراتۇرا 45 سىلتسىيە گرادۇستىن ئېشىپ كەتكەندە ئىسسىق ھەتتا كۆيۈش سېزىمى ھاسىل بولىدۇ، بۇ تېمپېراتۇرا سەزگۈسى بىلەن ئاغرىش سېزىمىنىڭ بىرلا ۋاقىتتا سېزىم قوبۇل قىلغانلىقىدىن ئىبارەت مۇرەككەپ سېزىم ھېسابلىنىدۇ.
ئادەم ئاناتومىيىسى
wēn dù jiào
تېمپېراتۇرا سېزىمى