Chinese→UyghurMain Dictionary
胃液
بىئولوگىيە
ئاشقازان سۇيۇقلۇقى
ئاشقازان شىللىق پەردىسىدىكى ئاشقازان بەزلىرى ئاجراتقان كىسلاتالىق ھەزىم قىلىش سۇيۇقلۇقى. بالاغەتكە يەتكەن ئادەم كۈنىگە تەخمىنەن 5.1 - 5.2 لىتىر ئاشقازان سۇيۇقلۇقى ئاجرىتىدۇ. ئاشقازان سۇيۇقلۇقى رەڭسىز، 5.1 - 9.0 PH بولۇپ، تەركىبىدە ھەزىم قىلىش ئېنزىملىرى، مۇتسىن قاتارلىق ئورگانىك ماددىلار ۋە تۇز كىسلاتاسى، كالىي، ناترىي، خلورىدلار قاتارلىق نىئورگانىك ماددىلار بولىدۇ. ئۇنىڭ رولى تۆۋەندىكىدەك، يەنى (1) تۇز كىسلاتاسى ئاشقازان بېزى دىۋار ھۈجەيرىلىرىدىن ئاجرىلىپ چىقىدۇ، پېپسىنوگېنلارنى ئاكتىپلاشتۇرۇش، پېپسىنلارغا كېرەكلىك بولغان كىسلاتالىق مۇھىت يارىتىپ بېرىش ۋە مىكروب ئۆلتۈرۈش رولىغا ئىگە. تۇز كىسلاتاسى ئۈچەيگە كىرگەندە يەنە ئاشقازان ئاستى بېزى سۇيۇقلۇقى، ئۆت سۇيۇقلۇقى ۋە ئۈچەي سۇيۇقلۇقلىرىنىڭ ئاجرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ، شۇنىڭدەك ئۇ كەلتۈرۈپ چىقارغان كىسلاتالىق مۇھىت كالتسىي ۋە تۆمۈرنىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە ياردەم قىلىدۇ. شۇڭا ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ ئاجرىلىشى بەك ئاز بولسا ياكى كەمچىل بولسا، قورساق كۆپۈش، ئىچى سۈرۈش قاتارلىق ھەزىم قىلىش ناچارلىق كېسەللىكلىرىنى پەيدا قىلىدۇ. (2) پېپسىن، ئاشقازان بېزىنىڭ ئاساسىي ھۈجەيرىسىدىن ئاجرىلىدۇ. ئاشقازان بېزىدىن ئاجرىلىپ چىققاندا ئاكتىپچانلىقى بولمىغان پېپسىنوگېنلاردىن ئىبارەت بولۇپ، ئاشقازان كىسلاتاسى ياكى پېپسىنلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئاكتىپلاشتۇرۇشى ئارقىلىقلا ئاندىن ئاكتىپچانلىققا ئىگە پېپسىنلارغا ئايلىنىدۇ. پېپسىنلار ئاقسىللارنى گىدرولىزلاپ پېپتون ۋە ئالبۇمىنوزىلارغا ئايلاندۇرىدۇ. كىچىك ۋاقتىدىكى كۆشىگۈچى ھايۋانلار مەسىلەن، مۇزاي ۋە ئوغلاقلارنىڭ ئاشقازان سۇيۇقلۇقى تەركىبىدە خىموزىلار بولۇپ، پېپسىنلارنىڭ پارچىلىشىغا ئاسان بولسۇن ئۈچۈن سۈتنى ئۇيۇتۇپ بېرەلەيدۇ. (3) شىلىمشىق سۇيۇقلۇق، نېيترال ياكى ئاجىزلىق ئىشقارلىق خۇسۇسىيەتتە بولۇپ، ئاشقازان شىللىق پەردىسىنىڭ سىرتقى يۈزىنى قاپلاپ بىر قەۋەت شىلىمشىق سۇيۇقلۇق پەردىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئۇ ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى مېخانىك ۋە زەخىملىنىشتىن ساقلاپ، ئاشقازان كىسلاتاسى پېپسىنلارنىڭ ئاشقازان شىللىق پەردىسىگە بولغان ھەزىم قىلىش رولىنى قوغدايدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا دىۋار ھۈجەيرىلىرى يەنە ئىچكى فاكتور دەپ ئاتىلىدىغان بىرخىل گلىكوپروتېئىن ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ. ئۇ ۋىتامىن 21B نىڭ سۈمۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىغا ئىگە. ئىچكى فاكتور سىرتتىن كەلگەن ۋىتامىن 21B بىلەن بىرىكىپ بىرخىل مۇرەككەپ ماددا ھاسىل قىلىپ ۋىتامىن 21B نىڭ توشۇلۇش جەريانىدا گىدرولازىلارنىڭ پارچىلىۋېتىلىشتىن ساقلايدۇ. ئەگەر ئىچكى فاكتور كەمچىل بولسا يامان سۈپەتلىك قان ئازلىق كېسىلى پەيدا بولۇشى مۇمكىن.
ئۇنىۋېرسال
wèi yè
ئاشقازان سۇيۇقلۇقى
Dتېببىي
wèi yè
ئاشقازان سۇيۇقلۇقى