Chinese→UyghurMain Dictionary
为焰法庭
دۇنيا تارىخى
مەشئەل سوتى
مەشئەل جازا سوتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئوتتۇر ئەسىردىكى فرانسىيىنىڭ بىر خىل ئالاھىدە سوتى. فرانسۇز Ⅰ دەۋرىدە، يەنى 1535-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، پرۇتېستانتلارنى (بىدئەتلەرنى) جازالاش ئۈچۈن قۇرۇلغان. بۇ ئىسىمنىڭ كېلىپ چىقىشى بىر ئېيتىلىشتا، سوتخانىنىڭ تۆت تەرىپى قارا رەخت بىلەن توسۇپ قويۇلۇپ، ئىچىگە مەشئەل يېقىن قويۇلغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دېيىلگەن دېسە، يەنە بىر ئېيتىلىشتا، سوت جاۋابكارلارغا كۆپىنچە ئوت جازاسى بەرگەنلىكى ئۈچۈن شۇنداق ئىسىم قويۇلغان دېيىلىدۇ. خۇگۇئېنوت ئۇرۇشى مەزگىلىدە (1562 - 1594)، مەشئەل سوتىنىڭ ھەرىكىتى ناھايىتى غالجىرلىشىپ كەتكەن. 1619 - 1680-يىللىرى لۇئى ⅣⅩ جىنايەتچىلەرگە مەشئەل سوتى ئارقىلىق زىيانكەشلىك قىلغان. 1780-يىلىدىن كېيىن يەنە مارتىنىك ئارىلىدىكى (فرانسىيىنىڭ كارىب دېڭىزىدىكى مۇستەملىكىسى) قۇللارغا زىيانكەشلىك قىلىشتا قوللىنىلغان.