Chinese→UyghurMain Dictionary
微丝
بىئولوگىيە
مىكرو يىپچە
ھەقىقىي يادرولۇق ھۈجەيرىلەردە ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت بولىدىغان بىر خىل ئىنچىكە يىپسىمان ئىككىلەمچى مىكرو تۈزۈلۈش بولۇپ، دىئامېترى ئادەتتە تەخمىنەن 5 ~ 8 مىللىمىكرون كېلىدۇ. دائىم باغلام بولۇپ، پاراللېل تىزىلىدۇ، بوش تارقالغان تورسىمان ھالەتتىمۇ بولىدۇ. پلازما پەردىسىگە يېقىن ئورۇندا ۋە مىكرو تىۋىتلەردە مىكرو يىپچىلەر كۆپرەك بولىدۇ. يۇقىرى دەرىجىدە ئالاھىدىلەشكەن مۇسكۇل ھۈجەيرىلىرىدە مىكرو يىپچىلەر ئىنتايىن رەتلىك تىزىلغان. مىكرو يىپچە ۋە مىكرو نەيچە، ئارىلىقلىرىدىكى تالا قاتارلىقلار ئورتاق بىرلىشىپ، ھۈجەيرىنىڭ ئىسكىلىتىنى تەشكىل قىلىدۇ. مىكرو يىپچىنىڭ تەركىبىدە ئاكتىن، مىئوزىن، دەسلەپكى مىئوزىن ياكى شۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان تەركىبلەر بولىدۇ. مىكرو يىپچىلەر ھۈجەيرە شەكلىنىڭ ساقلىنىشى، ھۈجەيرىدىكى ماددىلارنىڭ توشۇلۇشى، سىتوپلازمىنىڭ ھەرىكىتى (سىتوپلازمىنىڭ ئايلىنىپ ئېقىشى، موكىسىمان ھەرىكىتى قاتارلىق) ھۈجەيرىنىڭ ھەرىكىتى ۋە موسكۇللارنىڭ قىسقىرىشى قاتارلىقلارغا نىسبەتەن مۇھىم رول ئوينايدۇ. بۇنداق روللارنىڭ بەزىلىرى مىكرو نەيچىلەرنىڭ ماسلىشىش رولىنىڭ نەتىجىسىدۇر.
ئۆسۈملۈك,ئادەم ئاناتومىيىسى
wēi sī
مىكرو يىپچەDئادەم ئاناتومىيىسى
wēi sī
زەررە يىپDئادەم ئاناتومىيىسى
wēi sī
زەررە يىپDئۇنىۋېرسال
wēi sī
مىكرو تالا