Chinese→UyghurMain Dictionary
微生物脱胶
بىئولوگىيە
مىكرو ئورگانىزم ئارقىلىق پېكتىن ئاجرىتىش
مىكرو ئورگانىزملار ئىشلەپچىقارغان ئېنىزىمدىن پايدىلىنىپ پېكتىن تۈرىدىكى ماددىلارنى چىقىرىۋېتىش ئۇسۇلى. بۇ <ئىنزىمدىن پايدىلىنىپ پېكتىن ئاجرىتىش> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. پېكتىن ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ھۈجەيرىسى ئارىسىدىكى ئاساسلىق تەركىب بولۇپ، ئېرىمىگەن ھالەتتە ساقلىنىدۇ. مەسىلەن، زىغىر، سېرىق كەندىر، ئاق كەندىر قاتارلىقلارنىڭ تالالىرى توقۇمچىلىق سانائىتىنىڭ مۇھىم خام ئەشياسى، ئۇلاردىكى پېكتىننى مىكرو ئورگانىزم ئارقىلىق پارچىلاپ چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن توقۇمچىلىققا ئىشلىتىلىدىغان تالاغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. بۇ خىل ئايرىش ئۇسۇلى ئىككى تىپقا بۆلۈنىدۇ. بۇ خىل ئايرىش ئۇسۇلى ئىككى تىپقا بۆلۈنىدۇ. بىرى، سۇغا لەيلىتىپ چىلاش ئۇسۇلى، يەنە بىرى، سۇغا چۆكتۈرۈپ چىلاش ئۇسۇلى. ئالدىنقىسى ئاساسەن ئوكسىگېن خالايدىغان مىكرو ئورگانىزملارنىڭ تەسىرىدە ئاجرىتىلىدۇ، كېيىنكىسى ئاساسەن ئوكسىگېن خالىمايدىغان مىكرو ئورگانىزملارنىڭ تەسىرىدە ئاجرىتىلىدۇ. ھازىر بۇ ئىككى خىل ئۇسۇل توقۇمچىلىق سانائىتىدە كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىمەكتە، ئۇلار نىسبەتەن زور ئىشلىتىلىش قىممىتىگە ئىگە.