Chinese→UyghurMain Dictionary
微管
ئېلېكترون، ئۇچۇر
wēi guǎn
مىكرو تىپلىق نەيچەDئادەم ئاناتومىيىسى
wēi guǎn
مىكرو نەيچەDئادەم ئاناتومىيىسى
wēi guǎn
زەررە تەنچەDئورمانچىلىق
wēi guǎn
مىكرونەيچەDتېببىي
wēi guǎn
مىكرو نەيچەDئۇنىۋېرسال
wēi guǎn
مىكرو نەيچە
Dئادەم ئاناتومىيىسى
wēi guǎn
مىكرو نەيچە
بىئولوگىيە
مىكرو نەيچە
مەخسۇس ھەقىقىي يادرولۇق ھۈجەيرىلەردە ۋە ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت بولىدىغان بىر خىل نەيسىمان مىكرو تۈزۈلۈش بولۇپ، دىئامېترى تەخمىنەن 20 ~ 25 مىللىمىكرون كېلىدۇ، ئۇزۇنلۇقىدا ئۆزگىرىش چوڭراق بولىدۇ. مىكرو نەيچە دىۋارى ئادەتتە 13 تال دەسلەپكى تالنىڭ يىغىلىشىدىن تۈزۈلىدۇ. مىكرو نەيچىنىڭ توغرا كەسمە يۈزىدە 13 دانە سۇب بىرلىك (ھەر بىر سۇب بىرلىكىنىڭ دىئامېترى بەش مىللىمىكرون) نىڭ ئوتتۇرىسى كاۋاك يىلىك بوشلۇقى (دىئامېترى تەخمىنەن 13 مىللىمكرون) نى ئوراپ تۇرغانلىقى كۆرۈنىدۇ. مىكرو نەيچە ئاساسەن مىكرو نەيچە ئاقسىلىدىن تۈزۈلىدۇ. مىكرو نەيچە ئاقسىلى غەيرىي ئىككى پلىمېرلىق بولۇپ، تەركىبىدە مولېكۇلا ئېغىرلىقلىرى ئوخشىمايدىغان ئىككى سۇب رادىكالى بولىدۇ. مىكرو نەيچە ئاقسىللىرى ئۇلىنىپ، دەسلەپكى تالا يىپچىلىرىغا ئايلىنىدۇ. مىكرو نەيچىدىن يىپلىق بۆلۈنۈش جەريانىدىكى ئۇرچۇقسىمان يىپچىلار، يۇلتۇزسىمان يىپچە، مەركىزىي دانىچە ۋە باسال تەنچىنىڭ نەيسىمان تۈزۈلۈشى ھەمدە كىرپىك تۈكچە ۋە قىلئاياغلارنىڭ ئوقسىمان تالالىرى ھاسىل بولىدۇ. ھۈجەيرىدىكى مىكرو يىپچىلەر ۋە ئارىلىقلىرىدىكى تالالار بىرلىكتە ھەقىقىي يادرولۇق ھۈجەيرىلەرنىڭ ئىسكىلىتىنى تەشكىل قىلىدۇ. مىكرو نەيچە ھۈجەيرە شەكلىنىڭ ساقلىنىشى، ھۈجەيرىلەرنىڭ ھەرىكىتى (قىلئاياغ ۋە كىرپىك تۈكچىلەرنىڭ ھەرىكىتى)، ھۈجەيرىدىكى ماددىلارنىڭ توشۇلۇشى، ھۈجەيرىلەرنىڭ يىپلىق بۆلۈنۈشىنىڭ نورمال ئېلىپ بېرىلىشلىرىغا نىسبەتەن مۇھىم رول ئوينايدۇ. <ھۈجەيرە ئىسكىلىتى> گە قاراڭ.