Chinese→UyghurMain Dictionary
瓦扬
دۇنيا تارىخى
ۋايلانت
(1840 - 1915) 1871 - يىلىدىكى فرانسىيە پارىژ كوممۇنىسىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرىدىن بىرى، بىرىنچى ئىنتېرناتسىئونال ئەزاسى. بلانكىزمچى. تېببىي ۋە فىزىكا پەنلىرى دوكتورى بولغان. 1870 - يىل 9 - ئاينىڭ 4 - كۈنىدىكى ئىنقىلابنتىن كېيىن، 20 - رايون مەركىزىي كومىتېتى ۋە مىللىي قوغدىنىش ئارمىيىسى مەركىزىي كومىتېىتى ئەزاسى بولغان. 1871- يىلى 3 - ئاينىڭ 18 - كۈنى پارىژ ئىشچىلىرى قوزغىلىڭىدىن كېيىن، كوممۇنا ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. كوممۇنا ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا، مائارىپ كومىتېتى ۋەكىللىكىگە تەيىنلەنگەن، كوممۇنا باستۇرۇلغاندىن كېيىن، ئەنگلىيىگە قېچىپ كېتىپ، ئۆزى قاتناشمىغان ئەھۋالدا ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. لوندوندا ماركىس بىلەن تونۇشقان ھەمدە بىرىنچى ئىنتېرناتسىئونال باش كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. 1872 - يىلى باش كومىتېت نيۇ - يوركقا كۆچكەندىن كېيىن، بىرىنچى ئىنتېرناتسىئونالدىن چېكىنىپ چىققان. 1880 - يىلدىكى ئومۇمىي كەچۈرۈمدىن كېيىن ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەن. بلانكى ۋاپات بولغاندىن كېيىن بلانكىزمچىلارنىڭ مەركىزىي ئىنقىلابىي كومىتېتىغا رەھبەرلىك قىلغان. 1884 -1893 - يىللىرى پارىژ شەھەر مەمۇرىيىتى كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا تەيىنلەنگەن. 1888 - يىلى <ھۈرلەر گېزىتى> نى نەشىر قىلغان، كېيىن <ئىنسانپەرۋەرلىك گېزىتى> نىڭ تەھرىرى بولۇپ، جائۇرېسنىڭ دوستىغا ئايلانغان. 1893 - يىلى ئاۋام پالاتاسىغا سايلاغان. 1901 - يىلى فرانسىيە سوتسىيالىستلار پارتىيىسىگە قاتناشقان. 1905 - 1915 - يىللىرى بىرلىككە كەلگەن سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى بولغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، دۆلەتنى قوغداش مەسلىكى مەيدانىدا تۇرغان.
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
wǎ yáng
ۋايللانت