Chinese→UyghurMain Dictionary
万象国
دۇنيا تارىخى
ۋېنتىيان دۆلىتى
1707 - يىلى لائوس لان چاڭ پارچىلانغاندىن كېيىن بارلىققا كەلگەن مۇستەقىل دۆلەت. ئۇ مېكونگ دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان. پايتەختى ۋيېتىيان. دۆلەت كۈچى بىر مەھەل كۈچلۈك بولغان، شىمالدىك لۇاڭپراباڭ دۆلىتى بىلەن قارىمۇ - قارشى ئىدى. 1778 - يىلى ۋېنتىيان سىيام (ھازىرقى تايلاند) تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىپ، سىيامغا بويسۇندۇرۇلغان. چاۋئانۇ (1805 - 1828 - يىلى تەختتە) چامپاسساك بىلەن بىرلىشىپ سىيامغا قارشى تۇرۇپ، مۇستەقىللىكنى قولغا كەلتۈرگەن. 1828 - يىلى سىيام تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ، ۋېنتىيان دۆلىتى ھالاك بولغان.