Chinese→UyghurMain Dictionary
王位继承法案
دۇنيا تارىخى
تەختكە ۋارىسلىق قىلىش قانۇنى
1701 - يىلى ئەنگلىيە پارلامېنتى ماقۇللىغان لايىھىسى بولۇپ، <ھوقۇق قانۇن لايىھىسى> دىن كېيىنكى بۇرژۇئازىيە، پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈمىنى مۇستەھكەملەيدىغان يەنە بىر مۇھىم ھۆججەت. ۋىلليام ۋە ئۇنىڭ ۋارىسى مارىي خانىشنىڭ سىڭلىسى ئاننالارنىڭ ئەۋلادى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، پارلامېنت، ئاننا ئۆلگەندىن كېيىن پادىشاھلىق ئورۇننى جامېس Ⅰ نىڭ نەۋرە قىزى، خاننوۋېرلىق نايىپ شاھ سوفىيە (1714 - 1630) گە ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى قارار قىلغان ھەمدە بۇنىڭدىن كېيىن ئەنگلىيە پادىشاھلىق تەختىنى كاتولىك دىنى مۇخلىسلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە بولمايدىغانلىقىنى، ئەنگلىيە دۆلەت دىنىغا كىرىشى كېرەكلىكىنى، كورۇل ماقۇللىغان بارلىق قارارلارغا شۇ قارارغا قوشۇلغان ۋەزىرلەر ئىمزالاپ مەسئۇل بولۇشى كېرەكلىكىنى، چەت ئەلىكلەرنىڭ مۇھىم خەلق ئىشلار ۋە ھەربىي ئىشلار ۋەزىپىسىنى ئۆتىشىگە بولمايدىغانلىقىنى؛ ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ تۆۋەن پالاتا ئەزالىقىنى قوشۇمچە ئۆتىشىگە بولمايدىغانىقىنى بەلگىلىگەن.