Chinese→UyghurMain Dictionary
王尔德
Domain: دۇنيا تارىخىۋىلدې
(1856 - 1900) ئەنگىيىلىك ئېستېتىزم ۋە دېكادېنت ئەدىبى. ئېرلاندىيىدە دوختۇر ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئوكسفورد داشۆسىدە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە ئېستېتزمچى روسكىن (1819 - 1900) ۋە پاتېر (1839 - 1894) لارنىڭ تەسىرىگ چوڭقۇر ئۇچرىغان. <سەنئەت ئۈچۈن سەنئەت> كۆز قارشىنى تەرغىپ قىلىپ، ئەدەبىيات سەنئەت ئىجادىيىتى تۇرمۇشقا بېقىنمايدۇ، ئەخلاقنىڭ چەكلىمىسىگىمۇ ئۇچرىمايدۇ دەپ قارىغان. كاپىتالىزم جەمئىيىتىنىڭ نامۇۋاپىقلىقىنى ئېتىراپ قىلغان، لېكىن كىشىلەرنىڭ گۈزەللىك تەربىيىسىنى كۈچەيتىشنى جەمئىيەتنى ئۆزگەرتىشنىڭ بىردىنبىر ئۇسۇلى دەپ تونۇغان. 1882 - يىلى بىرىنچى شېئىرلار توپلىمى نەشر قىلىنغاندىن كېيىن ئامېرىكىنى زىيارەت قىلغان. 1895 - يىلى قائىدە - يوسۇنلارغا دەخلى يەتكۈزگەنلىك جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ ئىككى يىل قامالغان. تۈرمىدىن بوشانغاندىن كېيىن پارىژغا كۆچۈپ بارغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرى: چۆچەكلەر توپلىمى <خۇشال شاھزادە>، درامىلىرىدىن <ۋىندىمىرخانىمنىڭ يەلپۈگۈچى>، <غايىۋى ئەر>، <سالېمى>، ھېكايە <توگلېن، گىرىينىڭ سۈرىتى> ھەم ماقالىسى <ئىغۋانىڭ زاۋالغا يۈز تۇتۇشى> قاتارلىقلار.
About this entry
This is a Chinese–Uyghur dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.