Chinese→UyghurMain Dictionary
万丹国
دىن
wàn dān guó
بانتېن، بانتېن خانلىقى
دۇنيا تارىخى
بانتېن دۆلىتى
ھىندۇنېزىيىدىكى فېئودال ئىسلام دۆلىتى، ياۋا ئارىلىنىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان. دەسلەپتە دېماك دۆلىتىگە تەۋە ئىدى. 1568-يىلى ھاسانۇددىن (تەخمىنەن 1552 - 1570 - يىلى تەختتە ئولتۇرغان) مۇستەقىللىكنى قولغا كەلتۈرۈگەندىن كېيىن مەزكۇر دۆلەتنى قۇرغان. بانتېن تەرەققىي قىلىپ سودا مەركىزىگە ئايلىنىپ، جۇڭگو، ئوتتۇرا جەنۇبىي يېرىم ئارىلى، ھىندىستان، پېرسىيە ۋە تۈركىيە بىلەن بولغان سودا ئىشلىرى راۋاج تاپقان. 1596-يىلى سۇماترانىڭ كونا پورتىغا ھۇجۇم قىلىپ، مەغلۇپ بولۇپ قايتقان. ⅩⅥ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى، گوللاندىيە مۇستەملىكىچى كۈچى تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن. سۇلتان ئاگۇڭ ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە(1651-1682)، گوللادىيە شەرقىي ھىندىستان شىركىتى بىلەن كۈرۈش قىلىپ، باداۋىيىگە بىر نەچچە قېتىم ھۇجۇم قىلغان. 1683-يىلى، پادىشاھلىق تەختىنى تالىشىش تۈپەيلىدىن ئىچكى ماجىرا يۈز بەرگەن. سۇلتان ئاگۇڭ ئۆزىنىڭ ئوغلى سۇلتان ھاجى (1682-1687-يىلى تەختتە)تەرىپىدىن گوللاندىيىلىكلەرنىڭ ياردىمى بىلەن مەغلۇپ قىلىنىپ، ئەسىرگە ئېلىنغان. 1684-يىلى، بانتېن گوللاندىيە شەرقىي ھىندىستان شىركىتىنىڭ بېقىندىسىغا ئايلىنىپ قالغان.