Chinese→UyghurMain Dictionary
外植体培养
بىئولوگىيە
ئېكتوفىتوزومىنى ئۆستۈرۈش
مۇكەممەل ئۆسۈملۈكتىن كېسىپ ئېلىنغان توقۇلما ياكى ئورگان پارچىسىنى مۇۋاپىق شارائىتتا ئۆستۈرۈپ، ئۇنى ھاياتلىق ھەرىكىتىنى مۇستەقىل ئېلىپ بارالايدىغان قىلىش. يەنى ئانا تۈپ ئۆسۈملۈكتىن ئايرىلغاندىن كېيىن داۋاملىق ئۆستۈرۈپ، ئەسلىدە يوق بولغان قىسىملىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئەڭ ئاخىرىدا بىر مۇكەممەل ئۆسۈملۈك تۈپىنى ھاسىل قىلىش. ئۆسۈملۈكلەرنىڭ قايتا ئۆسۈش ئالاھىدىلىكى ئىشلەپچىقىرىش ئەمەلىيىتىدە بۇرۇنلا كەڭ قوللىنىلغان. مەسىلەن، ئۆسۈملۈكلەرنى مەلۇم قىسىمنىڭ ۋېگېتاتىۋلىق ئۆسۈشىدىن پايدىلىنىپ كۆپەيتىش ئىشلەپچىقىرىشتا مەخسۇس تېخنىكىغا ئايلاندى. بۇ ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئەلا سۈپەتلىك ئالاھىدىلىكىنى ساقلاش، يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇش ھەمدە ئۆسۈملۈكنىڭ يېڭى تىپىنى يارىتىشتا مۇھىم رېئال ئەھمىيەتكە ۋە نەزەرىيىۋى ئەھمىيەتكە ئىگە. تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا يىلتىز، غول ۋە يوپۇرماقنى ئېكتوفىتوزما قىلىپ ئۆستۈرۈشنىڭ ماتېرىيالى قىلىشقا بولىدۇ. بىراق يىلتىز بىلەن يوپۇرماقنىڭ مورفولوگىيىسىنى ھاسىل قىلىش جەھەتتىكى يوشۇرۇن كۈچى غولغا قارىغاندا كەمچىل بولىدۇ، بارلىق غول توقۇلمىلىرىنى ئالاھىدە بىر تەرەپ قىلمىسىمۇ بىخ چىقىرىدۇ، يىلتىز ئىپتىدائىي ئاساسىنى ھاسىل قىلىدۇ ھەمدە يېتىلىپ مۇكەممەل ئۆسۈملۈك تۈپىگە ئايلىنىدۇ. شۇڭا ئۇنى ۋېگېتاتىۋلىق كۆپەيتىشنىڭ ماتېرىيالى قىلىشقا ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدۇ. ياكى ھۈجەيرىنى ئۆستۈرۈش قاتتىق كونترول قىلىنغان سۈنئىي شارائىتتا ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقتىن، ھەرقانداق نېپىز پوستلۇق ھايات ھۈجەيرىنى قايتا ئۆستۈرۈپ يېتىشتۈرگىلى بولىدۇ.