Uyghur←ChineseMain Dictionary
ۋىۋىئانى
دۇنيا تارىخى
维维安尼
wéi wéi ān ní
(1863 - 1925). فرانسىيىنىڭ زۇڭلىسى (1914 - 1915). ئالجىرىيىدىكى بىر ئادۋوكات ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. تۆمۈريول ئىشچىلىرىنىڭ ئادۋوكاتى، <كىچىك جۇمھۇرىيەت گېزىتى> نىڭ باش تەھرىرى بولغان. 1893 - 1902 - يىللاردا پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ، ئاياللارنىڭ ئادۋوكاتلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا رۇخسەت قىلىش توغرىسىدىكى قانۇنغا قوشۇلۇپ ئاۋاز بەرگەن. 1904 - يىلى <ئىنسانپەرۋەرلىك گېزىتى> نى تەسىس قىلىشقا قاتناشقان، ئۇنىڭدىن كېيىن فرانسىيە بىرلەشكەن سوتسىيالىستلار پارتىيىسى (ئىشچىلار ئىنتېرناتسىئونالىنىڭ فرانسىيە ياچېيكىسى) دىن چېكىنىپ چىقىپ، سوتسىيال جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىگە كىرگەن. 1906 - يىلى پارلامېنت ئەزالىقىغا يېڭىۋاشتىن سايلىنىپ، دىنىي ھوقۇقچىلىققا قارشى كۈرەشتە مۇھىم رول ئوينىغان. كېيىن بۇرۇژۇئازىيە ھۆكۈمىتىگە قاتناشقان. 1906 - يىلىدىن باشلاپ ئىككى نۆۋەتلىك ئىچكى كابىنېتنىڭ ئەمگەك مىنىستىرلىكىنى ئۆتىگەن ھەمدە بىرىئاد ۋە مىللېراندلار بىلەن بىرلىكتە <مۇستەقىل سوتسىيالىستلار> ئىچكى كابىنېتىنى تەشكىل قىلغان. 1319 - 1914 - يىللاردا مىللىي مائارىپ مىنىستىرى بولغان. ئىككىنچى يىلى 6 - ئايدا زۇڭلىلىققا تەيىنلەنگەن. 8 - ئاينىڭ 1 - كۈنى ئومۇمىي سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقىنى جاكارلىغان، 26 - كۈنى ھۆكۈمەتنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەپ، دېلكاسسېي، برىئاند، دوئۇمېرگۇئې، مىللېراند قاتارلىق سوتسىيالىستلار بىلەن <مۇقەددەس ئىتتىپاق> ئىچكى كابىنېتىنى قۇرغان. كېيىن يەنە ئەدلىيە مىنىستىرى بولغان (1519 - 1917) ھەمدە فرانسىيىگە ۋەكىل بولۇپ، خەلقئارا ئىتتىپاق ۋە ۋاشىنگتون يىغىنىغا قاتناشقان. 1922 - 1925 - يىللاردا ئاۋام پالاتاسىنڭ ئەزاسى ۋە كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى بولغان.