Uyghur←ChineseMain Dictionary
ۋۇتىڭيەن
دۇنيا تارىخى
吴庭艳
wú tíng yàn
(1901 - 1963) <ۋيېتنام جۇمھۇرىيىتى> زۇڭتۇڭى (1955 - 1963). گۇاڭپىڭ ئۆلكىسىدىن. بيۇروكرات پومېشچىك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، كاتولىك. ياشلىق چاغلىرىدا فرانسىيە مۇستەملىكىچىلىرى ئۈچۈن كەتمەن چېپىپ ھاكىم، ئۆلكە باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. 1933 - يىلى پادىشاھ باۋدانىڭ ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى بولغان. 1940 - 1945 - يىللىرى ياپونىيە ئىشغالىيىتى مەزگىلىدە ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا بېقىنغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، فرانسىيىنىڭ مۇددىئاسى بويىچە ئىنقىلابىي ھەرىكەتلەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلغان. 1950 - يىلى ئامېرىكىغا بارغان. 1954 - يىلى ۋەتىنىگە قايتىپ، باۋدا ھاكىمىيىتى (1913) نىڭ زۇڭلىسى بولغان. 1955 - يىلى ئامېرىكىنىڭ كۈشكۈرتىشى بىلەن باۋدانى غۇلىتىپ، <جۇمھۇرىيەت> قۇرۇپ، ئۆزى زۇڭتۇڭ، قوشۇمچە زۇڭلى ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بولغان. ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان مەزگىلدە فاشىستىك مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىنى يۈرگۈزۈپ، ۋيېتنامنىڭ بىرلىككە كېلىشىگە توسقۇنلۇق قىلغان. بۇنىڭ بىلەن جەنۇبىي ۋيېتنام خەلقلىرىنىڭ قاتتىق قارشىلىقىنى قوزغىغان. 1963 - يىلى 11 - ئايدا ئامېرىكا پىلانلىغان بىر قېتىملىق ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىشتە ئۇكىسى ۋۇتىڭرۇ بىلەن بىرلا ۋاقىتتا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن.