UyghurMain Dictionary
ۋۇجۇد
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
بارلىق، مەۋجۇتلۇق؛ ھايات؛ تەن، جىسىم، گەۋدە:
بىنا ئەتمىش ۋۇجۇدۇڭ ئۈرۈشىنى نۇر ئەۋۋەلىدىن،
ئاڭا سالمىش كۆزۈڭ كىم رىشتەئى لەۋلاكىدىن ئارقاغ.
شەۋقى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ پۈتۈن ئورگانىزمى.
تەن ساغلىق _ زور بايلىق. ساپ ھاۋا تەنگە داۋا. ياش بەدەننىڭ ساقايماس يارىسى يوق. ئەر - خوتۇن بىر تەن - بىر گەۋدە بولۇشى كېرەك. كەمتەرلىك ئىنسان ۋۇجۇدىنىڭ مەنزىرلىك بېغىدۇر. جۇغى كىچىك دېمە، ئەقلى تۈزۈك دە. جىسمى گەۋدىلىك بىر كىشى كەلدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ئادەمنىڭ پۈتۈن بارلىقى، جېنى ھەم تېنى، جىسمى، گەۋدىسى.
ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىن كۈچ - قۇۋۋەت ئۇرغۇپ تۇراتتى