Uyghur←ChineseMain Dictionary
ۋىتت
دۇنيا تارىخى
维特
wéi tè
(1) يېئاندې ۋىتت (1625 - 1672). گوللاندىيىنىڭ ئۆلكىلىك پارلامېنت باشلىقى (1653 - 1672). دوردرېخت شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا ئادۋوكات بولغان. 1650 - يىلى ئورانگې شاھزادىسى ۋىللىيام 2 (1626 - 1650) بىلەن بولغان كۈرەشتە، بۇرژۇئازىيە تەرىپىدىن ئەڭ ئالىي دۆلەت ئىشلىرى كاتىپلقىغا كۆرسىتىلىپ، دۆلەتنىڭ ئەمەلىي ھوقۇقىنى ئىگىلىگەن. ئۆلكىلىك پارلامېنت باشلىقى بولغان مەزگىلدە، گوللاندىيە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ئەنگلىيىگە قارشى ئىككى قېتىملىق ئۇرۇشى (يەنى ئەنگلىيە - گوللاندىيە ئۇرۇشى، 1652 - 1654؛ 1665 - 1667) غا باشچىلىق قىلغان. دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ قۇرۇلۇشىغا كۈچ چىقارغان، بىرىنچى قېتىملىق شىمال ئۇرۇشى (1655 - 1660) غا ئارىلىشىپ، غەلىبە قىلغان. 1667 - يىلى <مەڭگۈلۈك قانۇن> نى تۈزۈپ، ھاكىمىيەت بېشىدىكىلەرنىڭ قۇرۇقلۇق، دېڭىز ئارمىيىلىرىنىڭ ئەڭ ئالىي باش قوماندانلىقىنى قوشۇمچە ئۆتۈشىگە بولمايدىغانلىقىنى بەلگىلەپ، ئورانگې جەمەتىنىڭ ھەربىي كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرغان. 1668 - يىلى ئەنگلىيە، شۋېتسىيە بىلەن ئۈچ دۆلەت ئىتتىپاقىنى قۇرۇپ، فرانسىيە پادىشاھى لۇئى ⅩⅣ نىڭ زېمىن كېڭەيمىچىلىكىگە قارشى تۇرغان. جامائەت مالىيە كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، دۆلەتنىڭ شەرقىي ھىندىستاندىكى سودىسىنى كېڭەيتكەن. ئەمما ئورانگې جەمەتى بىلەن بولغان كۈرەش ۋە سىرتقا قارىتا ئۈزلۈكسىز ئۇرۇش قىلىش تۈپەيلىدى، ئاخىرى خەلقنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچراپ، 1672 - يىلى قەتل قىلىنغان. (2) سېرگېي يولېۋىچ ۋىتتې (1849 - 1915). روسىيىنىڭ مالىيە ۋەزىرى (1892 - 1903)، باش ۋەزىرى (1905 - 1906). گراف. چوڭ بيۇروكرات ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. ياش ۋاقتىد تۆمۈريول ترانسپورتى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1889 - يىلى مالىيە مىنىستىرلىكى تۆمۈريول ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولغان. مالىيە ۋەزىرى بولغان مەزگىلدە، گېرمانىيە بىلەن چېگرا بېجى شەرتنامىسىنى ئىمزالاپ، چەت ئەل كاپىتالىنى كۆپلەپ قوبۇل قىلىپ، بۇرژۇئازىيىنى چار پادىشاھ ھۆكۈمىتى بىلەن ھامكارلاشتۇرغان؛ پۇل تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىپ، ھاراق تۈرىدىكىلەرنى مەخسۇس سېتىشنى يولغا قويۇپ، تۆمۈريول ياسىتىپ، بانكىلارنى قۇرۇپ، كاپىتالىزمنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، پادىشاھلىق مۇستەبىتلىك تۈزۈمنى مۇستەھكەملىگەن؛ يىراق شەرقتىكى كېڭەيمىچىلىك سىياسىتىنى پائال يۈرگۈزۈپ، روسىيە - جۇڭگو مەخپىي شەرتنامىسى ئىمزالاش ۋە سىبىرىيە چوڭ تۆمۈريولى، ئوتتۇرا شەرق تۆمۈريولىنى قۇرۇشقا رىياسەتچىلىك قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ياپونىيە بىلەن دەرھال توقۇنۇشۇپ قېلىشقا قارشى تۇرغان. 1905 - يىلى ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ بېرىپ، ياپونىيە بىلەن <پورتسموئۇت سۈلھ شەرتنامىسى> نى تۈزگەن. باش ۋەزىر بولغان مەزگىلدە، روسىيىدىكى 1905 - يىلى ئىنقىلابنى ئۇجۇقتۇرۇش پىلانىنى تۈزگەن؛ <17 - ئۆكتەبر خىتابنامىسى> نى تەييارلاپ، ئاساسىي قانۇن تۈزۈش نەيرىڭىنى ئىشلەتكەن؛ سېۋاستوپول ۋە كرونشتادت ماتروسلىرىنىڭ قوزغىلىڭى ۋە موسكۋادىكى دېكابر قوراللىق قوزغىلىڭىنى باستۇرغان. كېيىن دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ۋە مالىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولغان. <ئەسلىمىلەر> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.