Uyghur←ChineseMain Dictionary
ۋىترۇۋىئۇس
Domain: دۇنيا تارىخى维脱鲁维
wéi tuō lǔ wéi
(مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅰ ئەسىر). قەدىمكى رىم ئارخېتىكتورى. كائېسار شىمالىي ئافرىقىغا ئەسكەر كىرگۈزگەندە (46) ئۇنىڭ قوشۇنىدا مېخانىك بولغان. باشقا سەرگۈزەشتىسى ئېنىق ئەمەس. رىمنىڭ جامائەت بىنالىرى، سۇ تۇرۇبا ئىنشائاتلىرى ۋە بەزى ھەربىي قورال - ياراقلارنى لايىھىلەش ۋە ياساشقا قاتناشقان. ئۆز تەجرىبىلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، <بىناكارلىق ئون كىتابى> (10 توم) يېزىپ چىقىپ ئىمېپراتور ئاۋگۇستۇسقا تەقدىم قىلغان. بۇ ئەسەر بىناكارلىق ئىلمىنىڭ ئومۇمىي قىسمى، ئارخېتىكتورنى تەربىيلەپ يېتىشتۈرۈش، شەھەر قۇرۇلىدىغان ئورۇننى تاللاش، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنىڭ ئىشلىتىلىشى، ئىلاھ ئوردىسى ۋە باشقا بىنالارنىڭ تۈزۈلۈشى، شەھەرنى سۇ بىلەن تەمىنلەش ۋە قۇياش سائەت تۈرىدىكى ۋاقىت ھېسابلىغۇچلارنى تەتقىق قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. قۇرۇلۇشلارنى ئاساسەن تۆت خىل تىپقا (3 - ۋە 4 - توم)، يەنى ئىئونىيە تىپى، كورىنتوس تىپى، دورىيا تىپى ۋە توسكانا تىپىغا بۆلگەن. ئۇ قەدىمك رىمدىن زامانىمىزغا يېتىپ كەلگەن بىردىنبىر بىناكارلىق نەزەرىيىسى خاراكتېرلىك ئەسەر بولۇپ، رىم دەۋرىدىكى پەن - تېخنىكىغا ئائىت بىلىملەرنى ئىگىلەشتە، خېلى زور قىممەتكە ئىگە.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.