UyghurMain Dictionary
ۋېرتېيمېر
پسىخولوگىيە
بۇ گىرمانىيىلىك پسىخولوگ، گېشاتالت پسىخولوگىيە (پۈتۈن شەكىللىك پسىخولوگىيە) ئىجادچىلىرىدىن بىرى. ئۇ 1910 - يىلى مىدىرلىغاندەك قىلىش ئۈستىدە ئېكىسپېرمىنتال تەرجىمە ئېلىپ بارغان، مۇئەييەن شارائىت ئاستىدا ئىككى جىم تۇرغان جىسىم ئارقىمۇ ئارقا باشقا - باشقا ئورۇندا كۆرۈنسە، كىشىگە ھەرىكەتلەنگەندەك كۆرىنىدۇ (خۇددى كىنودىكى ھەرىكەتلەردەك)، ئۇ مانا شۇ ھادىسە ئۈستىدە تەتقىقات يۈرگۈزگەن، كېيىن گېشتالىت پسىخولوگىيىسىنى كەشىپ قىلغان. بولار، پۈتۈننى پارچە - پۇرات قىسىملارغا بۆلمەسلىك ھەم شۇنداق چۈشەنمەسلىك كېرەك. پۈتۈن پارچىلانسا، پۈتۈننى كۆرگىلى بولمايدۇ. شۇڭا ئىككى جىم تۇرغان نەرسىنى مىدىرلىغاندەك كۆرۈنگەن ھادىسە دەپ چۈشەندۈرۈشكە بولمايدۇ. پۈتۈننىڭ ئالاھىدىلىكى ئاساس. قىسمەنلىكنىڭ ئالاھىدىلىكى ئۇلارنىڭ پۈتۈنلۈك ئىچىدىكى ئورنىغا تايىنىش دەپ قارايدۇ. ئۇنىڭ ئاساسىي ئەسەرلىرى، «مىدىرلىغاندەك قىلىش تەجرىبىسى»، «ئىجادىي تەپەككۇر» قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.