Uyghur←ChineseMain Dictionary
ۋېرېسايېۋ
Domain: دۇنيا تارىخى魏烈萨耶夫
wèi liè sà yē fū
(1867 - 1945) سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىلىق يازغۇچى. دوختۇر ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. ئىلگىرى - كېيىن پېتېربۇرگ داشۆسىنىڭ ئەدەبىيات - تارىخ فاكۇلتېتىنى ۋە دېرېت داشۆسىنىڭ تىببىي فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن. دەسلەپكى مەزگىلدىكى <مېڭىشقا يول يوق> ۋە <ئۆزگەرمەكتە> دېگەن ھېكايىلىردە نارودنىكلار ھەرىكىتىنىڭ كرىزىسى ۋە روسىيىنىڭ 1905 - يىلدىكى ئىنقىلاب ھارپىسىدىكى جەمئىيەت ئەھۋالى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. <لىزار> ۋە <ماماتلىق يولىدا> ناملىق ھېكايىلىرىدە دېھقانلار ۋە ئىشچىلارنىڭ پاجىئەلىك سەرگۈزەشتىلىرى تەسۋىرلەنگەن. <دوختۇرنىڭ خاتىرىسى> دە ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن ئىلگىرىكى ياش دوختۇرنىڭ قىيىن ئەھۋالى تەسۋىرلەنگەن. <تۇيۇق يول> ۋە <ئاچا - سىڭىل> ناملىق رومانلىرىدا ئۆكتەبر ئىنقىلابىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى زىيالىيلارنىڭ ئىنقىلابىي يولغا مېڭىش ۋە سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشقا قاتنىشىش جەريانى بايان قىلىنغان. دوستويېۋىسكىي ۋە تولىستوي ھەققىدىكى ئەسەرلەنى شۇنىڭدەك <پوشكىننىڭ ھاياتى> دېگەن تەرجىمىھالنىمۇ شۇ يازغان
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.