UyghurMain Dictionary
ۋىرمورېل
دۇنيا تارىخى
(1841 - 1871) فرانسىيىلك مۇخبىر ۋە ئەدىب، 1871 - يىلقى پارىژ كوممۇنىسىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى. سولچىل پرودونىزمچى. <فرانسىيە ئەلچى گېزىتى> ۋە <ئىسلاھات گېزىتى> دە تەھرىرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن، ئىككىنچى ئىمپېرىيىگە قارشى كۈرەشكە ئاكتىپ قاتناشقان. 1870 - يىل 10 - ئاينىڭ 31 - كۈنىدىكى ۋە 1871 - يىل 1 - ئاينىڭ 22 - كۈنىدىكى قوزغىلاڭلارغا قاتناشقان. 1871 - يىلى 3 - ئاينىڭ 18 - كۈنىدىكى قوزغىلاڭدىن كېيىن، كوممۇنا ھەيئەت ئەزالىقىغا سايلانغان. كېيىن ئەدلىيە ئىشلىرى ھەيئەت ئەزاسى، كوممۇنا ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى ۋە ئامانلىق ساقلاش كومىتېتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى بولغان. <ئادالەت گېزىتى> ۋە <خەلق دوستى گېزىتى> لىرىنى نەشىر قىلغان. <ماي قانلىق ھەپتىسى> كۈرىشىدە ئېغىر يارىلىنىپ قولغا چۈشكەندىن كېيىن، ۋېرسال تۈرمىسىدە قازا قىلغان. <1848 - يىلىدىكى پائالىيەتچىلەر>، <1851 - يىلىدىكى پائالىيەتچىلەر>، <سوتسىيالىستلار پارتىيىسى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە <مارات ئەسەرلىرى> نى يىغىپ، ئىزاھلاپ نەشر قىلغان.