Uyghur←ChineseMain Dictionary
ۋىرىياتۇس
Domain: دۇنيا تارىخى维里阿图
wéi lǐ ā tú
(مىلادىدىن ئىلگىرىكى ؟ - 139). لۇستانىيىلىكلەر قوزغىلىڭىنىڭ رەھبىرى. پادىچى. مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅱ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، ئىسپانىيىنىڭ لۇستانىيە (ھازىرقى پورتۇگالىيىدە) رايونىدا، خەلقنىڭ رىمغا قارشى تۇرۇپ مۇستەقىللىكىنى قولغا كەلتۈرۈش ھەرىكىتى قوزغالغان. تەخمىنەن مىلادىدىن 150 يىل ئىلگىرى رىم گالبانى ئالداپ تەسلىم قىلىش ھەمدە باستۇرۇشقا ئەۋەتكەن؛ ۋىرىياتۇس لۇستانىيىلىكلەرنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىشكە رەھبەرلىك قىلىپ، توققۇز يىل جەريانىدا تاجاۋۇزچى قوشۇننى كۆپ قېتىم مەغلۇپ قىلغان. مىلادىدىن 141 يىل ئىلگىرى، رىمنىڭ مۇۋەققەت ھاكىمدارى فابىئۇس ۋىرىياتۇسنىڭ <پادىشاھ> لىقىنى ۋە لۇستانىيىنىڭ مۇستەقىللىك ئورنىنى ئېتىراپ قىلغان. كېيىن رىملىقلار خائىنلارنى سېتىۋېلىپ، ۋىرىياتۇسنى قەتل قىلغان. شۇنىڭ بىلەن قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغان.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.