Uyghur←ChineseMain Dictionary
ۋېرگىل
تارىخ
维吉尔
wéi jí ěr
دۇنيا تارىخى
维吉尔
wéi jí ěr
(مىلادىدىن ئىلگىرى 70 - 19) قەدىمكى رىم شائىرى. ئىتالىيىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى مانتۇئا ئەتراپىدىكى ئاندېس كەنتىدىكى بىر ئۇششاق يەر ئىگىسى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ ئەجدادى كرىت مىللىتىدىن بولۇشى مۇمكىن. ئۇ كرىمونا، مېدىئولانۇن (يەنى مىلان) ۋە رىمدا ئوقۇپ ستىلىستىكا ۋە ئېپىكو ئۇروس ئېقىمىنىڭ پەلسەپىسىنى ئۆگەنگەن. ئالدىنقى <ئۈچ كاتتىباش ئىتتىپاقى> نىڭ ئىچكى ئۇرۇشى مەزگىلدە ئائىلە مال ـ مۈلكى مۇسادىرە قىلىنغان. كېيىن ئوكتاۋىئۇس (ئاۋگۇستۇس شاھ) نىڭ قەدىرلىشىگە ئېرىشىپ، كامپانىيىدە بىر پارچە يەرگە ئىگە بولغان ھەمدە گۈزەل نېئاپولدا يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشى ئۈچۈن ئۇنىڭغا مەخسۇس بىر ھويلا ئاجرىتىپ بېرىلگەن. ئۆمۈرۋايەت ئۆيلەنمىگەن. ئۇ مېسسېناس (ئوكتاۋىئۇسنىڭ دوستى) ئەدەبىيات - سەنئەت تەشكىلاتنىڭ ئەزاسى، رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدىكى ئاتاقلىق ئوردا شائىرىدۇر. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن ياش ۋاقتىدا يازغان <قىشلاق غەزىلى> (<يېزا - قىشلاق شېئىرى> دەپمۇ تەرجىمە قىلىنغان، ئون پارچە) دا يۇنان ژانىرىغا تەقلىد قىلىپ، تەبىئەتنى سەمىمىي ھېسسىيات بىلەن مەدھىيلەنگەن. يەنە <ئېتىز ماھارىتى شېئىرى> (<دېھقانچىلىق ئىشلىرى شېئىرى> دەپمۇ تەرجىمە قىلىنغان. تۆت توم) دا، دېھقانچىلىق ئىشلىرى (تېرىقچىلىق، باغ، چارۋا بېقىش، ھەسەل ھەرىسى بېقىش) شېئىر ئارقىلىق تەسۋىرلەنگەن؛ ئاپتورنىڭ دېھقانچىلىق بىلىمى مول بولۇپ، ئۇ شېئىرىدا ئوكتاۋىئۇسنى پانىي دۇنيادىكى ئىلاھ دەپ قارىغان. ئۇنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە ئەسىرى <ئائېنېد> (12 توم) تېخىمۇ رىۋايەت تۈسىنى ئالغان داستان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئوكتاۋىئۇسنىڭ ئەجدادى ئىلاھلار شەجەرىسىگە ئەسلەپ ئۆتۈلگەن. مىلادىدىن 19 يىل ئىلگىرى يۇنانغا بېرىپ ساياھەت قىلغان ھەمدە ئاسىياغا بارماقچى بولغان. ئافىنادا ئاۋگۇستۇس شاھقا ئۇچرىشىپ قېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىتالىيىگە قايتقان (ئاسىيا سەپىرىدىن ۋاز كەچكەن). يولدا ئاغرىپ قېلىپ ۋاپات بولغان (بىرىندىس پورتىدا)، نېئاپولغا دەپنە قىلىنغان. ئېيتىلىشچە، ۋېرگىل ئادەتتە سۆز - ئىبارىلەرگە ئېتىبار بەرمەيدىكەن، يۈرۈش - تۇرۇشى <سەھرالىقچە> ئىكەن. ئەمما ئۇنىڭ ئەسەرلىرى كىشىنى ھوزۇرلاندۇرۇپ لەززەت بېرىدىغان ئەسەرلەر بولۇپ، رىم دەۋرى شېئىرىيىتىنىڭ پېشۋاسى دەپ قارىلىدۇ ھەمدە قەدىمكى زاماننىڭ ئاخىرقى دەۋرى مەسىلەن: دانتې ۋە يېقىنقى زامان شائىرلىرىغا خېلى زور تەسىر كۆرسەتكەن.