Uyghur←ChineseMain Dictionary
ۋېردۇن ئۇرۇشى
Domain: دۇنيا تارىخى凡尔登战役
fán ěr dēng zhàn yì
بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، گېرمانىيە ئارمىيىسى ۋېردۇندىكى فرانسىيە ئارمىيىسىنىڭ بازىسىغا ھۇجۇم قىلغان جەڭ. بۇ جەڭ ئىككى باسقۇچقا بۆلۈنگەن: (1) گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ ھۇجۇم قىلىش باسقۇچى (1916 - يىل 2 - ئاينىڭ 21 - كۈنىدىن 9 - ئاينىڭ 2 - كۈنىگىچە)؛ (2) فرانسىيە ئارمىيىسىنىڭ قايتۇرما ھۇجۇم قىلىش باسقۇچى (9 - ئاينىڭ 3 - كۈنىدىن 12 - ئاينىڭ 18 - كۈنىگىچە) گېرمانىيە ئارمىيىسى دەسلەپتە ئالتە يېرىم شى ئەسكىرى كۈچى بىلەن 946 دانە زەمبىرەكنىڭ ھىمايىسى ئاستىدا مائاس دەرياسىنىڭ ئوڭ قىرغىقىدا فرانسىيىنىڭ ئىككى شىسى قوغداپ ياتقان، كەڭلىكى 15 كىلومېتىر كېلىدىغان رايوندىن بۆسۈپ ئۆتۈشكە ئۇرۇنغان، نەتىجىدە ۋۇجۇدقا چىقمىغان. 3 - ئايدا گېرمانىيە ئارمىيىسى مائاس دەرياسىنىڭ سول قىرغىقىدا ھۇجۇمغا ئۆتكەندە يەنە مەغلۇپ بولغان؛ 2 - ئايدىن 4 - ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا، گېرمانىيە ئارمىيىسى ئارانلا 7 كىلومېتىر ئالغا ئىلگىرىلىيەلىگەن. 6 - ئايدا گېرمانىيە ئارمىيىسى يەنە بىر قېتىم بۆسۈپ ئۆتمەكچى بولغان يەنىلا نەتىجە قازىنالمىغان. گېرمانىيە ئارمىيىسى 8 - ئاينىڭ 29 - كۈنىدىن باشلاپ، مۇداپىئەلىنىشكە مەجبۇر بولغان. فرانسىيە ئارمىيىسى 10 - ئاينىڭ 21 - كۈنى كەڭ كۆلەملىك قايتۇرما ھۇجۇم قوزغاپ، 12 - ئاينىڭ 18 - كۈنىگىچە قولدىن كەتكەن يەرلەرنىڭ ھەممىسىنى قايتۇرۇۋالغان. گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ ۋېردۇن ئۇرۇشىدىكى مەغلۇبىيىتى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنى غەربىي سەپتە جەڭ قىلىشنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلغان.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.