Uyghur←ChineseMain Dictionary
ۋوروشىلوۋ
دۇنيا تارىخى
伏罗希洛夫
fú luó xī luò fū
(1881 - 1969) سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىي سوۋېتى پرېزدىئومىنىڭ رەئىسى (1953 - 1960)، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى مارشالى. تۆمۈريول ئىشچىسى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. سىلېسار بولغان. 1898 - يىلى ئىنقىلابىي پائالىيىتىنى باشلىغان. 1903 - يىلى روسىيە سوتسىيال دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسىگە كىرگەن. 1908 - 1917 - يىللىرى تۈرمە ۋە سۈرگۈندە بولغان. كۆپ قېتىم قېچىپ چىقىپ، پارتىيىنىڭ يەر ئاستى خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. فېۋرال ۋە ئۆكتەبر ئىنقىلابلىرىغا قاتناشقان. ئىچكى ئۇرۇش مەزگىلىدە قىزىل ئارمىيە 10 - ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى، سارىتسىن ئالدىنقى سېپىنىڭ قوماندانى بولغان. 1921 - يىلدىن باشلاپ، ئىلگىرى - كېيىن شىمالىي كاپاز ھەربىي رايونى، موسكۋا ھەربىي رايونىنىڭ قوماندانى بولغان. 1925 - 1934 - يىللىرى قۇرۇقلۇق، دېڭىز ئارمىيىسى خەلق كومىسسارىياتىنىڭ ئەزاسى ۋە ئىنقىلابىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولغان. 1934 - 1940 - يىللىرى دۆلەت مۇداپىئە خەلق كومىسسارىياتىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1940 - يىلدىن باشلاپ سوۋېت ئىتتىپاقى خەلق كومىسسارىياتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، قوشۇمچە دۆلەت مۇداپىئە كومىسسارىياتى رەئىسى بولغان. ۋەتەن ئۇرۇشى مەزگىلىدە دۆلەت مۇداپىئە كومىسسارىياتى ئەزاسى، ئالىي قوماندانلىق شتابى ئەزاسى، غەربىي - شىمال يۆنىلىش ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى، لېنىنگراد ئالدىنقى سەپ قوماندانى بولغان. 1946 - 1953 - يىللىرى مىنىستىرلار سوۋېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان. 1953 - يىلدىن باشلاپ سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىي سوۋېت پرېزدىئومىنىڭ رەئىسى بولغان. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى (1921 - 1961، 1966 - 1969)، سىياسىي بيۇرو ئەزاسى (1926 - 1952)، پرېزدىئۇم ئەزاسى (1952 - 1960) بولغان.
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
伏罗希洛夫
fú luó xī luò fū